ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۇنجى قېتىم «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.02.21
myunxen-xewipsizlik-dolqun-eysa-1.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا قاتناشتى. 2023-يىلى 19-فېۋرال، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

17-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى 19-فېۋرال ئاخىرلاشتى. باش تېمىسى دۇنيادىكى خەۋپسىزلىك ئامىللىرىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشقا بېغىشلانغان بۇ يىغىنغا بۇ قېتىم 100 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 650 دىن ئارتۇق مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پرېزىدېنتلار، مىنىستىرلار، ھەربىي قوماندانلار، ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئانالىزچىلار بار ئىدى.

دىققەتنى ھەممىدىن بەكرەك تارتقىنى، تولىمۇ زور داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بولدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.

3 كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پىلوسې، ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بىلەن كۆرۈشكەن سۈرىتى ۋە يۈزلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى قاتارىدا، ئالدىنقى رەتلەردە ئولتۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرغان. بەزىلەر: «بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە خەلقئارالاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 19-فېۋرال، گېرمانىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 19-فېۋرال، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ 20-ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ «ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺧﻪﯞﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ سوئالىمىز «ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻤﯘ؟» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ بىلدۈرۈشىچە، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ئەنگلىيە ﺑﺎﺵ مىنىستىرى ﺭﯨﺸﻰ ﺳﯘﻧﺎﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍ لاگېرلىرىغا ﺳﻮﻻﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭼﯧﺨﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ پىراگا شەھىرىنىڭ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍ لاگېرلىرىغا ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ئوپېراتسىيەسى ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ تۇرۇۋاتقاندا، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ تۇرۇۋاتقانلىقىنى› ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. «ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ خەۋپسىزلىك ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﻮﻑ ﮪﻮﻳﯩﺴﮕﯧﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ دۇنيا تىنچلىقى مەسىلىسىگە پىكىر قاتناشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ يىغىن جەريانىدا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرى رىشى سۇناك(Rishi Sunak) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 19-فېۋرال، گېرمانىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرى رىشى سۇناك(Rishi Sunak) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 19-فېۋرال، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان يەنە بىر ئىش، يىغىن ئېچىلىۋاتقان باۋارىيە سارىيىدا «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە نازارىتى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولغان. بۇ يىغىننى د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھاتىۋاجى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» ساھىبخانلىرىنىڭ زور ئېتىبارىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى 1963-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى قاتنىشىدىغان بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى دۇنيا خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدىن تەدرىجىي ھالدا ھالقىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇق، كىلىمات مەسىلىسى ھەم پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە قەدەر كېڭەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.