مۇستەقىل ئورگانلار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 55-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 26-فېۋرال كۈنى جەنۋەدە باشلانغانىدى. بۇ يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

21-مارت كۈنى، 55-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، ئاز سانلىقلار مەسىلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا بىر قانچە مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئەپ كېلىپ، كېڭەشنىڭ دىققىتىگە سۇنغان.

بۇلار ئارىسىدا ياپونىيەدىكى مۇستەقىل ئورگانلاردىن «خەلقئارالىق كەسىپلەرنى قوللاش جەمئىيىتى» (International Career Support Association) گە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۇنىچى فۇجىكى ئەپەندى يىغىندا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، بىز بۇ يەردە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا كىرىشنى چەكلەش ئارقىلىق، بۇ يەردىكى سىستېمىلىق كەمسىتىش، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بىراق، مۇستەقىل ئورگانلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان زور پاكىتلار رايوندا يۈز بېرىۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»

شۇنىچى فۇجىكى ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاينىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نامىدىكى ئورۇنلىرى جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ. بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەر مېڭە يۇيۇشقا، مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا.»

شۇنىچى فۇجىكى ئەپەندى سۆزى داۋامىدا يەنە، ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 2023-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، دىنىي ئادەتلەرگە چەكلىمە قويۇش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋاسىتىلىرىنىمۇ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان:

«بىز سىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا توسالغۇسىز ھالدا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش، خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىڭلارنى؛ قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى جىنايىتى ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز»

فۇجىكى ئەپەندى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان ۋە «بىز بۇ كېڭەشنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ زۇلۇم چەكمەكتە.» دەپ ئەسكەرتكەن.

يىغىندا يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى ۋە خەلقئارا دىنلار ئارا قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى يىغىندىكى سۆزىدە «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار ھەققىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئەپ بېرىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە يېڭى دوكلات بېرىشى لازىملىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى لازىملىقىنى» دېگەن.

«خەلقئارا دىنلار ئارا» (Interfaith International) ناملىق تەشكىلاتمۇ يىغىندىكى سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمىنى ئەيىبلىگەن. بۇ تەشكىلات ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى، دىنىي رادىكاللىق نامى بىلەن ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر بويىچە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشقا يول قويۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

55-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرى 5-ئاپرېل كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ جەرياندا جەنۋەدە ھەر خىل ئۇچرىشىشلار ۋە يانداش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركمۇ بۇ كېڭەشنىڭ يىغىنىدا دوكلات بەرگەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدا ۋە تىبەتتە يولغا قويۇۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان قانۇن، سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە» چاقىرغانىدى.