30-مارت كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىدىن CAIR يەنى «ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» نىڭ تەشكىللىشىدە «ئىجتىمائىي ئادالەت كېڭىشى»، «شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام كېڭىشى»، قاتارلىق ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» نى تەلەپ قىلىش بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
مەلۇم بولۇشىچە 30-مارت كۈنىدىكى نامايىش ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 12-دىن 1 گىچە بىر سائەت داۋاملاشقان. نامايىشتا «ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» نىڭ دىرېكتورى نىھاد ئاۋاد ۋە مەسچىت مۇھەممەتنىڭ ئىمامى تالىپ شارەف قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

نىھاد ئاۋاد سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» نى تەلەپ قىلىش نامايىشىغا ئىشتىراك قىلغان مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتقان. شۇنداقلا ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋاشىنگتوندىكى مەسچىتلەردىن «مەسچىت مۇھەممەت» نىڭ ئىمامى تالىپ شارەفمۇ سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىغا دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
نامايىشقا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇرلارغا ئادالەت» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشقان.
نامايىشتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى باشلىغان 2017-يىلدىن بۇيان، ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
30-مارت كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش «نامايىشىغا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» غا ۋاكالىتەن قاتناشقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پروگرامما كوردىناتورى، تەتقىقاتچى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندىمۇ نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.
مۇستافا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
نامايىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.