7-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدىكى كەداتون مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندىكى نۇقىتىلىق سۆزلىگۈچى، ھىندونېزىيە پادجاجاجان ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئىسلام ئۈممىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قانۇنشۇناس دوكتور ئاتىپ لاتىفۇلھايات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قەغەز ئۈستىدىلا قالغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمىسە، خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنى بېسىۋېلىش سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ، خىتاينىڭ ئىشغال سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. بۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىگە خىلاپتۇر. ئۇيغۇر رايونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك دائىمىي كېڭىشىگە ئەزا 5 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەك».
دوكتور ئاتىپ لاتىفۇلھايات، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ھىندونېزىيەدىكى ئاپتونومىيەنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تاشقى سىياسەتتە ھىندونېزىيەگە باغلىق، ئىچكى سىياسەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرغان. ئۇ: خىتاي «ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىى بېرىشى كېرەك، ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىككە، پىكىر ئەركىنلىكىگە، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ھەزرەتئالى ھوشۇر، مالايسىيا ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايرۇل ئەنۋەر قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىنى پەرسىس ئىسلام ئۈممىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى مەسئۇلى ئاسترىد ناديا رىزقىتا خانىم لېكسىيە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۈچىنچى لېكسىيەمىزنى ئۆتكۈزدۇق. بىز ھىندونېزىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 13 كۈنلۈك لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. مەن بۇ پائالىيەتلەرگە ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، ئاكتىپ سوئال سورىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى بەك قىزىققانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ھىندونېزىيەدە جامائەت پىكىرى توپلاپ ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن».
بۇ لېكسىيە بېرىش پائالىيەتلىرىگە مالايسىيا ABIM ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ لېكسىيەلەر ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ئىجابىي. بىزنىڭ بۇ لېكسىيەلەردە چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا، تۇڭگانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاممىۋى خەلققە چۈشەندۈرۈش. خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم ئىنتايىن ئېغىر. بۇنى مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە خەلقى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى مۇھىم دەپ قارايمەن».
لېكىن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 7-ئاپرېل كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان «ئىستىقلال جامەسى» نىڭ ئىمامى، دىنىي ئىلىملەر كەسپى پروفېسسورى ناسارۇددىن ئۇمار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىمىگەن بولۇپ، ھىندونېزىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە مەنپەئەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى جامائىتىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش زۆرۈر دەپ قارالماقتا.