ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى 8-ئاپرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس «خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار: تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.
شون روبېرتس ئەپەندى ئۆتكەن يىل «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق ئاساستا يورۇتۇپ بەرگەنىدى. بۇ قېتىمقى لېكسىيەسىدە ئۇ مەزكۇر كىتابىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈنكى قورقۇنچلۇق جىنايەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ مۇرەككەپ جەريان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى؛ تۈرمە ۋە لاگېرلار كۆپلەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن 2017-يىل كەڭ-كۆلەملىك تۇتۇشنىڭ باشلانغانلىقى، ھەممە يەرنى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ قاپلىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ «بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسى» بەرپا قىلىپ، غايەت زور مىقداردا سانلىق مەلۇمات توپلاپ، ئۆزى زەربە بېرىش نىشانى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى بىر سىستېما بىلەن باشقۇرىدىغان قىلىۋەتكەنلىكى، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرلاش بىلەن، تۇتۇلمىغان ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش بىلەن روھىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى تامامەن يوقىتىشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايغا تېگىشكە زورلىغانلىقى، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ خىتايچە تەربىيەلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-ئايەملىرىگە چەكلىمە قويۇپ، خىتاي بايراملىرىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق جامە-مەسچىت، قەبرە-مازارلىرى، قەدىمىي كوچا، ئۆي، مەھەللە ۋە باغ-ۋارانلىرىنى تۈزلەپ ۋەيران قىلغانلىقى، لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يەرلىك زاۋۇت ۋە ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا قۇل ئىشچى قىلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرسە، بىر ياقتىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلى ۋە مۇھىتىدا ئېرىتىپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنداق ئاتاش ئارقىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن خەلقئارا قانۇندا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلماقچى ئەمەس، بۇ پەقەت بىر ئىلمىي ئاتالغۇ بولۇپ، مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىندىكى مىللەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە يوق قىلىنىشىغا قارىتا ئېيتىلىدۇ. مانا بۇ بىز بۈگۈن كۆرۈۋاتقان ئىشلار، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىدىن تامامەن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا».
شون روبېرتس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچىلىك مەلۇم زېمىندىكى بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بۇ مەقسەتنى «كۆپچىلىكنىڭ بەختى ئۈچۈن» دېگەندەك يالغان-ياۋىداق تەشۋىقاتلار بىلەن نىقاپلاپ، ئۆز قىلمىشلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، يەرلىك خەلقنى ئۆلتۈرۈش ياكى سۈرگۈن قىلىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئاندىن ئۇلارنى خىتايلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇش، بويسۇنمىغانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن.
شون روبېرتس ئەپەندى يەنە سۆزىدە، 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇستەملىكىچىلەر «ياۋايىلار» دەپ ئاتىغان ئادەملەرنىڭ 21-ئەسىردە خىتايدا قانداق بولۇپ «تېررورىستلار» دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنى پۈتۈن دۇنيا ۋە مەلۇم رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ئۆتكەن 20 يىلدا دۇنيادا نېمىلەر يۈز بەردى، ئۇيغۇر رايونىدا نېمىلەر يۈز بەردى؟ بۇنىڭغا قاراش لازىم. ئالدى بىلەن، دۇنيانى ئېلىپ ئېيتساق، ئامېرىكىدا ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيادا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش باشلىنىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 20 يىلدا بۇنىڭ دەردىنى بەك تارتتى. 90-يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىدى. بىر قانچە ماشىنىلار پارتىلىتىلغان بولدى، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدە قانداق سىياسىي غەرەزنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس ۋە بۇ رايوندا تەشكىللىك ئۇيغۇر پارتىزانلىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرۇلۇق ھېچقانداق پاكىت يوق».
شون روبېرتس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى 1990-يىللاردىلا كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن چۆچۈگەن خىتاي، سوۋېتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن تامامەن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەن ۋە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن. بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېررورىزمغا باغلاپ، 2003-يىلدىن كېيىن ئىسمى بار جىسمى يوق بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قەدەممۇ قەدەم كۈچەيتكەن. «5-ئىيۇل ۋەقەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى «تېررورىست» قاتارىدا يوقىتىشنى نىشان قىلغان. 2013-يىلدىن كېيىن سۈرىيەدە پەيدا بولغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلار سۇيىقەستلىك تەشۋىقاتلارغا ئالدىنىپ، «ئۇرۇشتا چېنىقىمىز، ھەربىي تەربىيە كۆرىمىز» دەپ سۈرىيەگە بارغان، ئەمما باشقا جىھادچى گۇرۇپپىلار ئۇلارنى ئۇرۇشقا سېلىپ، ئۆلسىمۇ شۇ يەردە ئۆلۈشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا كۈچلەر ئۈچۈن جان بەرگەن ۋە ئۆزىگە قىلچە تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغان ئۇ ئادەملەرنى خەلقئاراغا «تېررورىست» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ-كۆلەملىك تۇتۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى تامامەن مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشقا جان-جەھلى بىلەن كۈچەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا توسقۇن بولىدىغان بارلىق نەرسىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان.
لېكسىيەدىن كېيىن شون روبېرتس ئەپەندى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ جاۋابلىرىدا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ رايونلار ئارا سىياسەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇشقا كىرمەيدىغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زېمىن-بايلىق كېڭەيمىچىلىكى، ئىدېئولوگىيەنى ئاساس قىلغان كوممۇنىزم كېڭەيمىچىلىكى دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدە ئىدېئولوگىيە كېڭەيمىچىلىكى قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زېمىن-بايلىق كېڭەيمىچىلىكى قىلىپ كەلگەنلىكى، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، بەلكى شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ تۈركلەشكەن بىر قىسمى» دېگەندەك يالغانلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ غەربلىكلەر ئېلىپ بارغان «ياۋايىلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈش» مۇستەملىكىچىلىكى بولماستىن بەلكى، باشقا مىللەتلەرنى تامامەن يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مۇستەملىكىچىلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرزىسنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رايوننىمۇ ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش قارا نىيىتىگە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.