سوفىي رىچاردسون: خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە جازالاشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.04.21
Sophie-Richardson-Sofiy-richardson.jpg كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم نيۇ-يورك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 14-يانۋار.
AFP

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 19-ئاپرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى «ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ، كۆكىنى قىرىش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ناملىق 53 بەتلىك دوكلاتى، ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش كلىنكىسى (ئورنى) نىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلانغان.

ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئېنىقلىغان خەۋەر ھەمدە بىر قىسىم نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەت ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا قانۇن رامكىسىغا ئاساسەن باھالاش ئېلىپ بېرىلغان. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «خەلقئارا قانۇن ئۆلچىمى بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ستانفورد كلىنكىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي يوقىتىش، ئائىلىنى پارچىلاش، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە كۆپىيىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش قاتارلىق بۇ بىر قاتار زىيانكەشلىكلىرى ئومۇمىي خەلقنى سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشكە كۇپايە قىلىدۇ».

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ رىم نىزامى بويىچە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق، مەدەنىيەت باستۇرۇشى سىياسەتلىرىگە ۋە باشقا جىنايەتلەرگە خىتاي رەھبەرلىكى جاۋابكار ئىكەن. شۇنداقلا جاۋابكارلىق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سوتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سوتلاردىمۇ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش پرىنسىپى ئاستىدا سوتلىنىدۇ ھەم مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلغۇچى سىياسەت ۋە ئورگانلارغا چېتىشلىق شەخسلەرمۇ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-مارت ئۆزىنىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» نى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى. ئامېرىكىدىن باشقا يەنە بېلگىيە، كانادا ۋە گوللاندىيە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەنىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلىق بۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ قىلمىشلىرى قانداق بىر ۋەزىيەت تەقەززاسى ئاستىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ شەرھلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە، سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ ئېنىقلىما بەردى: «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت خەلقئارا قانۇندىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ۋەھشىي جىنايەت. شۇنداقلا بىز بۇنى ئىلگىرى سۈرىيە، سۇدان ۋە بىرمادىكى ۋەزىيىتىگە ئوخشاش تەدبقلىغانىدۇق. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ دوكلاتتا گەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بىۋاسىتە كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بۇ خىل يەكۈننى چەتكە قاقمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەكۈنىنى قوللايدۇ. بىز خىتاينى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىلەن بىۋاسىتە ئەيىبلەشتە ئۇچرايدىغان رىقابەتلەرنى ۋە بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە بىر يىل ساقلاشنى توغرا كۆرمىدۇق. خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى جىددىي توختىتىش ھەمدە ئۇنى خەلقئارا سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىشتەك جىددىيەت سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەشكە تامامەن يېتەرلىك بولغان ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىمىزنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا داۋام قىلىۋاتقان رەھىمسىز ۋەھشىيلىكى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت. بۇ داۋاملىشىۋاتقان جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن چوقۇم خەلقئارا جامائەت ماس قەدەمدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىلىشى ۋە ماس قەدەمدە جىددىي تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك».

مۇخبىر: «سوفېي خانىم، بۇ دوكلاتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە قارىتا بىر قاتار مۇراجىئەتلەردە بولغان ئىكەنسىلەر، نۇقتىلىق تەلەپلىرىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتسىڭىز».

سوفىي رىچاردسون: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارار ماقۇللاپ، تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايەت ئەيىبلەشلىرىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇق بېرىش، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىشقا مەسئۇل خادىملارنى ئېنىقلاش ۋە جاۋابكارلىقنىڭ يول خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىشى ۋە دوكلات قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار دۆلەتلەر ماس قەدەملىك ۋىزا چەكلىمىسى، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە جىنايى قىلمىشلارغا مەسئۇل ئورگانلارغا قارىتىلغان شەخسىي جازالارنى يولغا قويۇشى كېرەك. دۆلەتلەر يەنە دۆلەت ئىچىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش» ئۇقۇمىغا ئاساسەن چەتئەلدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىلەرنى سوتلىشى كېرەك. دۆلەتلەر يەنە سودا كونتروللۇقنى ۋە باشقا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىشىنى توسۇشى كېرەك».

يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى 2022-يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئولىمپىك كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلار «تەنتەربىيەنى سىياسەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن جاۋابى سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. چۈنكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئولىمپىك يىغىنى ئەلۋەتتە سىياسىي مەقسەت ئارىلاشقان ھەرىكەت ئىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بۇ مۇسابىقىنى سىياسىي غەرەز ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى «قانۇن دۆلىتى»، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى «قانۇنلۇق ھەرىكەت» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرماقتا ئىكەن.

سوفېي خانىم، بۇ دوكلات يەنە خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئېتىبارىنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىزمۇ شۇنى چاقىرىق قىلىپ كەلدۇق، ئەمما خىتايدىكى بۇ قەدەر جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا پاسسىپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە خىتاينىڭ ئولىمپىكى پىلانلىنىپ بولغان تەقدىردىمۇ، توكيو ئولىمپىكى كوۋېد ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلۈشى بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن يەردە، خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەت ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە تامامەن سەۋەب بولالايدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 30-مارت ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەن دوكلات بولۇپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈشىدۇر.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارغا جىنايى ئىشلار ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىش ئارقىلىق جازالانماسلىققا قارشى تۇرىدۇ. بۇ شىكايەتلەر خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئالدىغا، دۆلەت سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سوت يەنە دۆلەت ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشىگە ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك قىلغۇچىلارنى سوتلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەر ئۈستىدىن تۇنجى ئەيىبلەش نيۇرنبېرگ سوت مەھكىمىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. نيۇرنبېرگ سوتى خاتىرىلىرىدە كۆرسىتىلىشىگە قارىغاندا، يەھۇدىي چوڭ قىيىنچىلىقىدىن كېيىن ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق مىساللىرى بەلكىم 1945-يىلدىن 1949-يىلغىچە بولغان نيۇرنبېرگ سوت مەھكىمىسىدە تەكشۈرۈلگەن مىساللار بولۇشى مۇمكىن. بۇ سوت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، شۇنداقلا گېرمانىيە ئادۋوكاتلىرىنى، دوختۇرلار ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودىگەرلەر، ئۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايەتلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 24 كىشىنىڭ دېلوسىنى ئاڭلىتىلغان، ئۇلاردىن 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. قالغانلىرى سادىر قىلغان جىنايەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن 10 يىلدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

نيوربېرگ سوتىنىڭ تارىخىي خاتىرىسىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق شەرھىلەنگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئېنىقلىغىلى بولىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىش. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ مىسالى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن چوڭ قىرغىنچىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىدى».

يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاينى جىددىي يوسۇندا ئەڭ كۈچلۈك ھەمدە ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن مەزكۇر دوكلاتىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كەڭ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.