بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سامۇئېل كوگولاتى (Samuel Cogolati) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېلگىيە بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە خىتايغا قارىتا كەسكىن جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپا سىياسىيونلىرىنىڭ بىرى. بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان كوگولاتى ئەپەندى، بېلگىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، سامۇئېل كوگولاتى ئالدىنقى ھەپتە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى ستېفان فون ھەك (Stefaan Von Heck) بىلەن بىرلىشىپ بېلگىيە پارلامېنتىغا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. قانۇن لايىھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بېلگىيەگە ئەكىرگەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ بىر يىلدىن بەش يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. كوگولاتىنىڭ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ ئالىبابا شىركىتى بېلگىيەنىڭ لېيج خەلقئارا ئايرودرومىدىن 220 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىر زېمىننى ئىجارىگە ئېلىپ، چوڭ كۆلەملىك بىر ئىسكىلات قۇرغان، شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر خەلقئارا ئايرودرومى بىلەن لېيج خەلقئارا ئايرودرومى ئوتتۇرىسىدا رەسمىي يۈك ترانسپورت ھاۋا يولى ئېچىلىپ، قەشقەردىن لېيج شەھىرىگە رەسمىي مال يۆتكەش باشلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سامۇئېل كوگولاتى ئەپەندىنى سۆھبەت پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت چىقىرىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: كوگولاتى ئەپەندى، سۆھبىتىمىزنى سىزنىڭ يېقىندا سۇنغان قانۇن تەكلىپ لايھەسىدىن باشلىساق. سىزنىڭ خىزمەتدېشىڭىز ستېفان فون ھەك بىلەن بىرلىشىپ سۇنغان قانۇن لايىھەڭىزدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سىز بۇ قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا تەپسىلىيرەك توختىلىپ باقامسىز؟ يەنى ئۇ قانۇن نىشان قىلغان باش ئوبيېكتى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا؟
سامۇئېل كوگولاتى: ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىر غەلىتە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بېلگىيەدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاكتىپ قۇللۇق چەكلىنىپ، جىنايەت، دەپ بېكىتىلگەن. بۇ قىلمىش بېلگىيە تېررىتورىيەسىدە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى مەن جىددىي، دەپ قارايدىغان مەسىلە شۇ، ئەگەر سىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانسىڭىز ۋە سىز ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى مەسىلەن، خىتاي، دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىتىگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن بېلگىيەگە ئىمپورت قىلغان بولسىڭىز، ھېچ نېمە بولمايدۇ. قانۇن سىزنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى بايقاپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشتۇق. بىز بېلگىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن يېڭى قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىشنى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
كوگولاتى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇن لايىھەسىدە ئەگەر بىرەرى بىر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلسا، بىر يىلدىن بەش يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغانىكەن. ئۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى لاگېرلىرىدا ئىشلەنگەن مايكىلارنى ئىمپورت قىلىشى «زامانغا پۈتۈنلەي خىلاپ» ئىكەن.
سامۇئېل كوگولاتى: ئەگەر سىز بىر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى خەۋىرىڭىز بار تۇرۇپ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلسىڭىز سىز سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىسىز. مېنىڭچە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ 21-ئەسىردە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار قامالغان قۇل ئەمگىكى لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مايكىلارنى ياكى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە باللا قۇللار ئىشلەپچىقارغان كوبالت مەھسۇلاتلىرىنى بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىشى زامانغا پۈتۈنلەي خىلاپ. بىزنىڭ سۇنغان قانۇن لايىھەمىز كىشىلەر بىلىپ تۇرۇپ بۇ مەھسۇلاتلارنى بېلگىيەگە ئىمپورت قىلسا، بىر يىلدىن بەش يىلغا قەدەر جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مۇخبىر: ھازىر بىز مەجبۇرىي ئەمگەك، دېگەن ۋاقتىمىزدا كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كېلىدىغان بولدى. سىزمۇ بىلگەندەك خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، شۇنداق نۇرغۇن ساھەلارگە چېتىلىدۇ. پاختىدىن تارتىپ يېشىل ئېنېرگىيە، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى دېگەندەكلەر. ئەگەر سىزنىڭ سۇنغان قانۇنىڭىز ماقۇللىنىپ قالسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە قانچىلىك تەسىرى بولىدۇ؟
سامۇئېل كوگولاتى: بۇ ھەقىقەتەن چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۈچۈن بىر چاقىرىقتۇر. بىز يەرشارىلىشىشنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدا تەمىنات زەنجىرىنى نازارەت قىلىش مۈمكىنسىز نەرسىگە ئايلاندى. بىزنىڭ سۇنغان قانۇن لايىھەمىز بېلگىيەدىكى مەھسۇلات ئىمپورت قىلغۇچىلارغا كۆپرەك مەسئۇلىيەت ئارتماقچى. بىز شۇ ئەقەللىي پرىنسىپنى تەكىتلىدۇق، ئەگەر سىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلماقچى بولسىڭىز، بىز بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى قۇللار ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز قۇللار ئەمگىكىگە 21-ئەسىردە ھېچقانداق ئورۇن يوق، بۇ قانۇن بىلەن پۈتۈنلەي چەكلىنىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. مانا بۇ بىز سۇنغان قانۇن لايىھەسىنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىدۇر.
سامۇئېل كوگولاتى يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
سامۇئېل كوگولاتى: ئەمەلىيەتتە، يالغۇز بېلگىيەدە ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ بۇ توغرىلىق قاتتىق كۈرەش بار. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېرلېيىن ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە ۋەدە قىلغان. ئۇ بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى بولۇپ، بۇنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن باشلىدۇق. ئەگەر قۇللار ئەمگىكى بېلگىيەدە جىنايەت بولسا، ئۇنىڭ 3-بىر دۆلەتتە يۈز بېرىشىنىڭمۇ جىنايەت بولۇشى نورمال ئەھۋال.
مۇخبىر: شۇنىسى ئېنىقكى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى ئەڭ قىيىن نۇقتىلارنىڭ بىرى، قايسى مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياكى نورمال ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئايرىشتۇر. سىز سۇنغان قانۇن لايىھەسى بۇ توغرىسىدا نېمىلەرنى دەيدۇ؟
سامۇئېل كوگولاتى: بىز قانۇن لايىھەمىزدە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئىشلەتتۇق. چۈنكى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا ئائىت ئەھدىنامىسى بار. ئۇنىڭ 27-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت. شۇڭا بىز بۇنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسىنى قوللىنىپ، بۇنى بىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىمىزغا تەتبىقلىدۇق. شۇڭا، بىز خەلقئارا ئەھدىنامىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا تايىنىپ، ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشنى قارار قىلدۇق. مانا بۇ بىر يېڭىلىقتۇر. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا بىرەر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە بىز كارخانا ياكى خەلقئارالىق شىركەتلەرنى مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاكىز، ئەمگەك قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى قارار قىلىشقا ياكى ئىسپاتلاشقا چاقىرىمىز.
مۇخبىر: يەنە بىر مەسىلە سىزمۇ بىلگەندەك قەشقەردىن بېلگىيەنىڭ مۇھىم مال ترانسپورت بازىسى بولغان لېيج شەھىرىگە يۈك ترانسپورت ھاۋا يولى ئېچىلغان. لېيج بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ قەشقەردىن كەلگەن يۈك ئايروپىلانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغان. قەشقەر 2017-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى تورى قۇرۇلۇپ، رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ تەرەققىيات سىزنى بىئارام قىلدىمۇ؟
سامۇئېل كوگولاتى: مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلدىم. ئەمەلىيەتتە، مەن بېلگىيەدە لېيج بىلەن قەشقەر ئارىسىدا يۈك ترانسپورت يولى ئېچىلغانلىقى ئېلان قىلىنىشىنى بىرىنچى بولۇپ تەنقىد قىلدىم. كۆپچىلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياشايدىغان قەشقەر مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرى ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ، بىز قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بىزنىڭ پۇقرالىرىمىزغا نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەك چوڭ مەسىلىسىگە ئايلانغان بىر پەيتتە، ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەت بولغان بېلگىيە بىلەن، ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىزتىراپىنى چېكىۋاتقان قەشقەر ئارىسىدا بۇنداق بىر ئىمپورت قانىلىنىڭ ئېچىلىشى ئەندىشە قىلارلىق ئىشتۇر.
كوگولاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەر-لېيج يۈك ترانسپورت ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە باغلىق بىر شىركەت ھۆددىگە ئالغانىكەن. تاراتقۇلار ئىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ «شىنجاڭ تيەنشۈن تەمىنات چەكلىك شىركىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سامۇئېل كوگولاتى: مەن لېيج بىلەن قەشقەر ئارىسىدا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان خىتاي شىركىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن بىز بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدۇق ۋە قاتناش، ئىقتىساد مىنىستىرلىقلىرىنى ۋە ئايروپورت قاتارلىقلارنى قارار بېرىشكە چاقىردۇق. چۈنكى، بىڭتۇەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويۇلغان بىردىن-بىر ئاپپارات ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ھاۋا ترانسپورت يولى ئېچىلىپ 3 قېتىم يۈك توشۇلغاندىن كېيىن بېلگىيە بىلەن قەشقەر ئارىسىدا بۇ يولدىن قايتا يۈك توشۇلۇپ باقمىغان. لېكىن مېنىڭ چاقىرىقىم ناھايىتى ئاددىي، بىزنىڭ يېڭى قانۇنىمىز بولۇشى كېرەك. بىز بىر قولىمىزدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپ، يەنە بىر قولىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك شىنجاڭ بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلساق بولمايدۇ.
مۇخبىر: كوگولاتى ئەپەندى، ۋاقىت ئاجرىتىپ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
يۇقىرىدا بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى، بېلگىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سامۇئېل كوگولاتى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار، بۇ پروگراممىنى ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى.