ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «ئۇيغۇرلارنى خارلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇلۇشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 28-ئاپرېل 2020-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق ئېمبارگو قويۇشى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن پاختا توقۇمىچىلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى مەنئى قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىلىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى مەنئى قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن گەرىي باۋېر 28-ئاپرېل ۋىدېيولۇق ئاخبارات يىغىنىدا چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنى جازالاش ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان كونكرېت كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، بۇ كىشىلەرنىڭ يىغىن ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەۋسىيە قىلدى.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللىشىنى قوللىماقتا ئىكەن. گەرىي باۋېر مۇنداق دېدى: «بىز قوشۇمچە يەنە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ كەلدۇق. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار خورلىنىشقا ئۇچراۋاتقان رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى قوللىدۇق. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قۇللار ئەمگەكىدە ئىشلەپچىقىرىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.»

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەۋسىيەنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ياكى يۈرگۈزمەسلىكى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قولىدىكى مەۋجۇت قانۇنلارنى ئىشقا سېلىپ، كونكرېت خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ باقمىدى. 28-ئاپرېلدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يەنە بىر قوش رەئىسى نەدىنە مەنزا ترامپ ھۆكۈمىتىنى قولىدىكى قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قانۇنلىرىدا بۇ خىل خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر قاتار ۋاسىتىلەر بار. بۇ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى بىلەن ‹يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ترامپ ھۆكۈمىتىگە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىدە داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىزنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتىمىزدا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مەجلىسىگە دىنىي ئەركىنلىكنى قانداق مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلدى.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرسە، بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىدا ‹ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر› تىزىملىكىدىكى ئەللەرگە پرېزىدېنتنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇرۇنقى ئېمبارگونى قايتا يۈرگۈزدى ياكى تەدبىر قوللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلدى. بىز يىللىق دوكلاتىمىزدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى توختىتىپ، تىزىملىكتىكى ھەر بىر دۆلەتكە كونكرېت تەدبىر قوللىنىشىنى چاقىردۇق. بىز خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنىڭ كەسكىن ئىجرا قىلىنىشى جاۋاپكارلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىدە سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئىجابىي ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايمىز.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى رايوندىكى 1300 دىن ئارتۇق جازا لاگېرىغا بەند قىلغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ساقال قويغانلىقى، ھاراق ئىچىشنى رەت قىلغانلىقى ياكى ھۆكۈمەت ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› دەپ قارىغان خاھىشلار سەۋەبلىك قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سابىق تۇتقۇنلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسى، باسقۇنچىلىق، تۇغماسلىق ۋە باشقا خورلاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە يېرىم مىليوندەك مۇسۇلمان بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلىسى بىلەن بولغان بېغىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقى تەكىتلىنىپ، «2019-يىلى قايتا-تەربىيەلەش مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۆزگىرىپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلار پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە باشلىدى. لاگېر سىرتىدا ھۆكۈمەت كادىرلارنى مۇسۇلمان ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹ئاشقۇن› دىنىي ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىشكە سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسچىتلەر چېقىلىپ، مۇسۇلمان سودا ئورۇنلىرىدا ئەرەب يېزىقىدىكى بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 104 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتىدا دۇنيادىكى 29 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى كۆرۈپ چىقىلىپ، خىتاي بۇ يىلمۇ يەنە دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى 'ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.