مەگنۇس فىسكەسيۈ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى ئېرىتىش ئارقىلىق يوقىتىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مەگنۇس فىسكەسيۆ «پەن-ئوپ» تا ئېلان قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى پەقەت مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى، شەكلى ئۆزگەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەگنۇس ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش سىياسىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، پەقەتلا خىتايلارنى ئاساس قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى» شەكىللەندۈرۈشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەمەلدارلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرى يىللاردىن بېرى ‹خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت بولماسلىق›، ئۇلارنىڭ ‹يوقىتىلىشى كېرەكلىكى› ھەققىدە ھۆكۈمەتكە مەسلىھەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. يوقىتىۋېتىش دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشتۇر. يەنى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى خىتاي ئېتىراپ قىلغان مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ، بىرلا خىتاي مىللىتىگە ئايلاندۇرۇشتۇر.»

ماقالىدە «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئۆزىلا يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتا ياشايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، «دائىم كەمسىتىلگەن، ھاقارەتلەنگەن يەرلىك خەلقتە قورقۇش پسىخىكىسى شەكىللىنىدۇ، › دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېرمۇ ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› سىياسىتى ئاددىيلا بىر مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى بولماستىن بەلكى، رەسمىي ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر›. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئېڭىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

دەررىن بايلېر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسەن ئۆزى قەشقەگىچە بېرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ئۇنىڭغا ئىنتايىن تونۇشلۇق. يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ناخشا كېچىلىكى ھەققىدىكى ئېلان تارقالغان. بۇ ئېلاندىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئابدۇللا يېقىندا بىر يېڭى ئالبوم چىقارغان. ئەمما ئالبۇمنىڭ تېشىدا ئۇيغۇرچە بىرمۇ خەت يوق. ھەتتا سۈرەتتە ئابدۇللانىڭ بۇرۇتىمۇ يوق. 2017-يىلىدىن ئىلگىرى باشقا ئۇيغۇر ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئۇنىڭمۇ بۇرۇتى بار ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ ئۆزگەرتىلىشكە مەجبۇرلانماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق قوللىغان بۇ خىل مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ‹قىرغىنچىلىق› نى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق.»

مەگنۇس ئەپەندى «جەنۋە ئەھدىنامىسى» غا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى «جەنۋە ئەھدىنامىسى› دە دېيىلگەن ماددىلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ. مەسىلەن، ‹بىر مىللەتنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا بىر مىللەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش› دەل ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنى لاگېرغا سولاش، بالىلىرىنى ئاتالمىش ‹دارىلئىتام› غا ئېلىپ كېتىشنى ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› دە دېيىلگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا ئائىت ماددىغا تەتبىقلاشقا بولىدۇ.»

زىيارتىمىزنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالالامدۇ؟» دېگەن سۇوئالىمىزغا مەگنۇس ئەپەندى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «كۆزىتىشىمچە، ئۇيغۇرلار چوقۇم ئامان قالىدۇ،» دېدى.

ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار چوقۇم ھامان بىر كۈنى قايتا گۈللىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بويىچە ياشاش، يەنى ئانا تىلىدا سۆزلەش ۋە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ناخشا-مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ قىرغىچلىقتىن ئامان قالالايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلار بولسا مېنىڭچە ئۇلار ئۈمىد بىلەن كېلەچىكىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ھايات قالسىلا خىتاينىڭ بۇ ئېغىر زۇلۇملىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدە قايتىدىن ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى 12-ئايدا ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» 1951-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. ئەھدىنامىدە «مىللىي ياكى ئېتنىك توپلۇق، ئىرقىي ياكى دىنىي گۇرۇھلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن قايسى بىرى يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› كەتېگورىيەسىگە كىرىدۇ،» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن:

1. مەلۇم بىر توپلۇققا مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش.

2. مەلۇم توپلۇققا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئېغىر دەرىجىدە جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش.

3. مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى قەستەن بۇزۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىش.

4. مەلۇم توپلۇققا قارىتا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

5. مەلۇم بىر توپلۇقتىكى بالىلارنى بېقىشنى ۋە تەربىيەلەشنى باشقا بىر توپلۇقتىكى كىشىلەرگە مەجبۇرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش.