بۇ يىل 24-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 2019-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتىنى، 25-ئىيۇن ئادەم سودىسىغا قارشى تۇرۇش يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ۋە باش ئەلچى نەيسىن سەلىس، ئۆتكەن يىللىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى قايتا ئەسكەرتىلگەن.
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى، باش ئەلچى نەيسىن سەيلىس، مۇخبىرنىڭ «بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇن ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى سىياسەت بىلەن پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي رەئىسىگە 'يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى داۋاملىق قۇرساڭ بولىدۇ' دېگەن گېپى بىر-بىرىگە زىت ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ۋاشىنگتوندىكى ئۆسەك گەپلەرگە ئارىلىشىپ بولالمايمەن. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى باشتىلا ئېنىق: دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكانىڭ تارىختىن بېرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەت باشتا ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈپ مەسىلىلەردىن بىرى. بىز بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆتكەنكى ھەر قانداق ھۆكۈمەتتىكىدىن بەكرەك نامايان قىلدۇق. دىپلومات بروۋنبەك ئەپەندى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ ئىشنى باشلىدى، مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى؛ دىنىي ئەركىنلىك جىمى ئىنساننىڭ دىنىي ئەركىنلىكىدۇر. بۇ، خىتايدىكى مەسچىتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن كەسپىي تەربىيەلەش نامىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرغا سولانغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوكتورلار ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى كەسپىي تەربىيەلەشكە موھتاج ئەمەس. دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكانىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدۇر، شۇڭا بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەت ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.»
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھىيلىسى خىتاي بىلەن مەنپەئەتداش بەزى دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى بويىغان بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى ئىشەندۈرەلمىگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ تارىخىي جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۇلارنى تېررورلۇققا باغلاش ئىكەن، شۇڭا خىتاي تا ھازىرغىچە بۇ بىمەنە، تەتۈر تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹11-سېنتەبىر› ۋەقەسىدىن كېيىن بەزى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تېررورىزمغا باغلاپ قارىلاپ كەلگەن بولسىمۇ، 2004-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش يىللىق دوكلاتىدا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنى تېررورىست تەشكىلات قاتارىدا تىلغا ئالمايدىغان بولدى. ترامپ ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، ئەڭ چوڭ رەقىبنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ 2017-يىلدىن كېيىن قۇرغان جازا لاگېرلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى، ياۋروپامۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورىزمغا باغلىمايدىغان بولدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ يوقىتىش سۇيىقەستىگە بېرىلگەن كۈچلۈك زەربە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كىيدۈرۈپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سۇيىقەستىنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن قارىلاش تاكتىكىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
25-ئىيۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە، خەلقئارالىق ئادەم سودىسىغا قارشى تۇرۇش دوكلاتىنىڭ 2020-يىللىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. مايك پومپېيو دوكلات بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان ئادەمنى قىيىن شارائىتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
2020-يىللىق بۇ دوكلاتتا ئادەم سودىسىنىڭ ئاساسەن ئادەملەرنى قۇل ئىشچى قىلىش ۋە ئاياللارنى جىنسىي قۇل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا ئاساس تىكلىگەن. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ مۆلچەرلىشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلات تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە 80 مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننى 19 ئۆلكىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتكەن» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىل يېزىلاردىكى ھاشارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىك دېمەي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، نەچچە ئون مىڭلىغان دېھقانلارنىڭ بىڭتۇەن ئېتىزلىرىدا پاختا تېرىپ، خىتاي خوجايىنلارغا مەدىكار ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تەربىيەلەشنى تۈگەتكەنلەر» دىن بىر مۇنچە كىشىنى يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلاردا كىيىم-كېچەك، گىلەم، ئېلېكتر سايمانلىرى، كارىۋات بۇيۇملىرى، چاچ بۇيۇملىرى، تازىلىق سايمانلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا سالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇنداق مەجبۇرىي ئەمگەك مۇھىتىدا تەن جازاسى ئارقىلىق قورقۇتۇش، مەجبۇرىي دورا يېگۈزۈش، جىنسىي جەھەتتىن خورلاش، ئۇرۇپ قىيناش دېگەندەك قەبىھ ئىشلار مەۋجۇت ئىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت ئاياللىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىغان خىتاي ئەرلىرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ ئۆمۈر بويى شۇ خىتايغا مالاي ۋە جىنسىي قۇل بولۇش خەۋپى كۈچلۈك ئىكەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئەڭ باشتا مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان خانىم-قىزلىرىمىزغا قەست قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى تەن ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خورلۇق تېخى يېتەرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن بولۇپ، بۇنى خەلقئاراغا داۋاملىق ئاڭلىتىش زۆرۈر ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىق ھەر يىلى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسەتلەرنى بەلگىلىشىدە ئاقىلانە ھۆكۈم چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. ئادەم سودىسىغا قارشى تۇرۇش دوكلاتى بولسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2001-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنى ئاشكارىلاش، ئۇنىڭغا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان خەلقئارالىق دوكلات ئىكەن.
0:00 / 0:00