47-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

28-ئىيۇن كۈنى، جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان 47-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىندا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلار ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى بۇ قېتىملىق كېڭەشتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ يىغىنىغا يەرشارى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تور ئارقىلىق قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلغان: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى بىر قانچە خىل جىنايەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇلار مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىدى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋە دىنىي ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلدى، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىدى. ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتنى قوللىنىپ بېسىم قىلدى».

بىراق ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي ۋەكىلى ۋۇ شاۋۋۇ ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئۇ ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. . .» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆزىنى بىر قانچە قېتىم كەسكەن. خىتاي ۋەكىلى ھەتتا دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىنىڭ «ھاقارەت خاراكتېرلىك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دولقۇن ئەيسانىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئەنگلىيە ۋەكىلى تېرىسا خانىم يىغىندا خىتاي ۋەكىلنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان كاشىلىسىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، شۇڭا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقىۋەتتە يىغىن باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بولغان تەلەپلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن باشقا يەنە، «ئەنگلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك جەمئىيىتى» نىڭ ۋەكىلى رىچارد تومپسون ئەپەندى، ئەنگلىيە خەلقئارالىق ئادوۋكاتلار جەمئىيىتى ۋەكىلى كەترىن كېنت ۋە كانادادىكى ئادوۋكاتلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ۋەكىلى كاترىن موررىس قاتارلىقلارمۇ ئۆز سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى.

رىچارد تومپسون ئەپەندى ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىسپاتلار بار، مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىگىلىگەن نۇرغۇن ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ قۇل ئەمگىكى، جىنسىي زوراۋانلىق، باسقۇنچىلىق، جىنسىي قۇللۇق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلە پارچىلاش قاتارلىق بىر قاتار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا»، دېدى ۋە مەزكۇر كېڭەش مەسلىھەتچىلىرىنى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

كەترىن كېنت خانىممۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ۋە بۇ كېڭەشنىڭ ئەمدى سۈكۈت قىلىپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى، بۇ مەسىلىدە دەرھال خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ۋەكىلى كەترىن خانىمنىڭ سۆزىگىمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

كانادادىكى ئادوۋكاتلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ۋەكىلى كاترىن موررىس خانىممۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىستلار، ئادوۋكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى باستۇرۇپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىش ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنى ئاز سانلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا شارائىت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قانچە دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ باھالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزا دۆلەتلىرى ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى، قورال ئېمبارگوسى قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 47-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 21-ئىيۇن كۈنىدىن 13-ئىيۇل كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كېڭەش مەزگىلىدە بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىكەن.