ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 2‏-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىكى مۇھىم نۇقتا بولدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«2‏-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
«2‏-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Gülchéhre

پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان 2‏-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردىكى ئاساسلىق مۇزاكىرە ۋە يىغىنلار، 16‏-ۋە-17 ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ۋە كىملىكى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە مىليونلاپ كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى بولسا، مەزكۇر يىغىندىكى مۇزاكىرەلەردە، بۈگۈن دۇنيا ئەھلى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئورتاق يۈزلەنگەن ئېغىر تەھدىت ۋە رىقابەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئەڭ نۇقتىلىق تېما بولدى.

ئوخشىمىغان دىنلار، گۇرۇھلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق ئۇچرىشىشىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

16-ۋە 17-ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 2-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە ۋە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن نەتىجىلىك داۋام قىلدى. يىغىنلار جەريانىدا 110 دۆلەتتىن كەلگەن، دىپلومات، مىنىستىرلار ۋە خرىستىئان، ئورتودوكس، يەھۇدىي، مۇسۇلمان، بۇددا، ھىندى ۋە باشقا دىن ھەم مەزھەپ گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، روھىنگا، يەزىدى قاتارلىق مىللەت ۋە دىنىي جامائەت ۋەكىللىرى، باستۇرۇشلاردىن ساق قالغان شاھىتلار بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىل ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، پىكىرلەشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلغان ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا، ئوخشىمىغان دىنىي گۇرۇپپا، ئوخشىمىغان باستۇرۇش ۋە پاجىئەلەردىن ساق قالغان 30 غا يېقىن شاھىتلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە «نەپرەت» نىڭ دۇنيادىكى يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ۋە پاجىئەلەرنىڭ ئوت ياققۇچىسى ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردى.

بۇ نۇقتا 16-كۈنىدىكى يىغىندا ئەڭ دەسلەپ سۆزگە چىققان يىغىننىڭ شەرەپ مېھمانلىرىدىن، 15-مارت يېڭى زېلاندىيە كىرايىستچېرىچ شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئايالىدىن ئايرىلغان، شاھىت فارىد ئاخمەد ئەپەندىنىڭ تەسىرلىك نۇتقىدا يورۇتۇلدى. ئۇ نۇتقىدا قۇرئان سۈرىلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ: «بىز مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلايلى، قايسى جايدا ياشايلى، قانداقلا تىلدا سۆزلەيلى بىر بىرىمىزنىڭ ئازابلىرىنى ھېس قىلالايمىز، چۈنكى بىز ئىنسانلار ئوخشاش يارالغان، يىلتىزىمىز بىر، ئۆز ئارا ئاكا-ئىنە، ھەدە-سىڭىل قېرىنداشلارغا ئوخشايمىز. شۇڭا بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلغاندا، بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەت قىلغاندا تېخىمۇ بەختلىك ياشىيالايمىز. چۈنكى، بىز ھەر بىرىمىز ئوخشىمايدىغان گۈل، بۇ گۈللەر بىرلىكتە گۈزەل باغچىنى ھاسىل قىلىدۇ»، دېدى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى زىللاندىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭدىن بىرلىكتە دەس تۇرغان خەلققە ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنى مەيلى قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر تېررورلۇق ۋە باشقا ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىققا قارشى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

نۇتۇقتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلار ۋەكىلى فارىد ئەخمەت، ئۆزىنىڭ بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامىلىپ قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۈمىدىنى يوقاتماسلىققا چاقىردى. ئۇ يەنە: «مەيلى زوراۋانلىق ياكى باستۇرۇشلار ھېچ قانداق ئىنساننىڭ ئىچىدىكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنى كۈچەيتىدۇ، مەنمۇ بىر تېررورلۇقنىڭ قۇربانى، ئائىلە ئەزالىرىدىن بۇ خىل ئۆچمەنلىك ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئايرىلىپ قالغان شەخس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرىنى ھېس قىلالايمەن، ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاللانىڭ سىناقلىرى ئىكەنلىكىگە ھامىنى بۇنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا ئىشەنچ قىلىپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن»، دېدى.

ئامېرىكا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بوۋنبەك رىياسەتچىلىك نۇتقى داۋامىدا، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدا ئەڭ ئېغىر زوراۋان سىياسەت ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كونتروللۇققا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە خرىستىيان فالۇنگوڭ، تىبەت قاتارلىق باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقنىڭمۇ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشى سەۋەبلىك ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي ھەقلىرى بولغان دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى تەكرار تەكرار ئىپادىلىدى.

خىتاي تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ تەسىرلىك نۇتقى 16-ئىيۇلدىكى يىغىننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. جەۋھەر نۇتقىدا ئۆزىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئادالەتسىز ھالدا تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، دادىسىلا ئەمەس نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلقنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، دۇنيا ئەھلىنى دادىسى ۋە بارلىق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

جەۋھەرنىڭ تەسىرلىك نۇتقىدىن كېيىن، سام بوۋنبەك ئەپەندى رىياسەتچىلىكىدە «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدا رىقابەتكە ئۇچرىشى» تېمىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق مۇنازىرىگە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق ئەزاسى فرانك ۋولفلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ دىنلارغا قارىتا زىيانكەشلىكىنى نۇقتىلىق تەنقىد قىلدى ۋە ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەنە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بولۇپمۇ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە رىقابەت ئېلان قىلمىسا، ئۇنىڭ ھەرقانداق جايدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلىرىمىزدە مېنىڭ دىققىتىمنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشىمدىكى سەۋەب (شىنجاڭدىكى) دەپسەندىچىلىكنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇپ، سودا مەنپەئەتىنىڭ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇشى، بۇنىڭ بەزىدە بىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىمىزنى، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدە يۇمشىتىۋېتىشىدۇر. شۇڭا مەن شۇنى تەكىتلەپ كەلدىم، ئەگەر بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئىستەكلىك بولمىساق، بىز دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدا بۇ مەسىلىسىنى سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدىمۇ دۇنيادا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان بولسا، يىغىن جەريانىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە تەنقىدلەندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇلۇۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى يورۇتۇلىۋاتقان بۇ يىغىن ۋە مۇزاكىرەلەرگە ئىزچىل قاتناشقان يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئىچىدە پاكىستان دىپلوماتىيە ساھەسىدىن كەلگەن بىر ۋەكىلدىن، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئالغان تەسىراتلىرىنى سوراپ كۆردۇق.

ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان پاكىستان ۋەكىلى، پاكىستان خەلقئارا دىئالوگ مەركىزىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئېلياس، ئۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا 200 دىن كۆپ پاكىستانلىق ئەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ: «ئەگەر باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىسا بىزنىڭمۇ خەۋىرىمىز يوق، شۇڭا بۇنى بىلمەيمەن» دەپ سۆزىنى ئۈزدى.

ئەمما يىغىندا ئورتاق تېما، ھەر قانداق بىر خەلق دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا باشقا دىندىكىلەرنىڭ زۇلۇمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشى ۋە ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئىزدىنىش بولدى.

17-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىندا سام بروۋنبەك «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىنى تىكلەش» تېمىسىدىكى 1-گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىق دىپلوماتلار ۋە دىنىي گۇرۇپپا لىدېرلىرى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.

«ھازىرقى يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدە ئويناۋاتقان رولى» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 2-گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە ئاساسلىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان يىغىننىڭ باشلىنىش نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ دىنلارنىڭ تارقىلىشى، ئۆز-ئارا ئالاقىدە ئىجابىي رول ئوينىغان ۋە دىننىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ، ئەگەردە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ ۋاسىتىسى بولغاندا ئىنسانىيەتكە ئورتاق قورقۇنچلۇق بالايى-ئاپەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەر قانداق دۆلەت، شىركەت، گۇرۇپپا ۋە ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرىز قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

«دۆلەتلەرنىڭ دىننى باستۇرۇشىنىڭ رادىكاللىق ئىدېئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى رولى»، «ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى» «جورنالىزىم ۋە خەلقئارادا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق تېمىلاردىكى مۇزاكىرىلەرگە داڭلىق تەتقىقاتچى ئاندرىئان زېنز ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى بولۇپمۇ لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ئانالىزلىرىنى، خىتاي يېپىشقا تىرىشىۋاتقان رەزىللىكلەرنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانداق ئاشكارلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز تەجرىبىسىدىن سۆزلەپ، يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇۋاتقان دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زۇلۇمىنى توختىتىش، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە ياردەم بېرىشتا ژۇرنالىستلار ھەمدە ئۆزىگە ئوخشاش ئانالىزچىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئاندرىئان زېنز دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقىنىدىن تولىمۇ مەمنۇنىيەت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخى تونۇپ يېتىشى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بۇ مەسىلەدە تۇتقان ئىنكاسلاردىن كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى تەكرار تىلغا ئېلىشنىڭ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى، مۇشۇ خىلدىكى يىغىنلارمۇ تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىدىغان ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىزدىنىش تېمىلىرىنى ۋە ئۇچۇرلارنى توپلايدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

17-ئىيۇلدىكى يىغىننىڭ يېپىلىشىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي جامائەتلەر ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى نوكس تەمس رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، خەلقئارادىكى دىنىي جامائەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ يەردە جەم بولۇشى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتىنىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت