ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر كوزىرى» داۋاسى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇقغا باغلاپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن كونا مۇقاملاردىن ھېسابلانسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنى مۇشۇ ئىشقا باغلاپ ئەيىبلىشىدىكى ئەسەبىيلىكلەر ھەر ساھەنىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 6-ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى بىلەن توردا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ كارتىسىنى ئويناش قىلمىشى» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۆتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرى خىتاي ئىچىدىن ھالقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى خىتاي «مۇتەخەسسىسلىرى» نىڭ ماقالىلىرىدە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتلىرىدا بۇ نۇقتا قايتا-قايتا ئەكس ئەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ماقالىلىرىدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىكى بايانلىرى رېئاللىقنى ئەمەس، ئەكسىچە، ئامېرىكا سىياسيونلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان» دېگەن نۇقتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس ۋە لاگېرلار مەسىلىلىرى بويىچە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرى ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرىدا بۇ ھەقتىكى رېئاللىق باشقا نۇقتىدىن يورۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ لوندون شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا بەرگەن گۇۋاھلىق نۇتۇقلىرىدا بۇ نۇقتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغانىدى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن 70 يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق مېخانىزمىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرتمىگەن. پەقەت قىسمەن ۋاقىتلاردا بۇنىڭ «يۇمشاق» ھالىتى ئوتتۇرىغا چىققان. قىسقىغىنە «يۇمشاش» ۋەزىيىتى ھەرقاچان تېخىمۇ قاتتىق بولغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن دېرەك بەرگەن.«يەرلىك مىللەتچىلەرنى باستۇرۇش» ھەرىكىتى، «تۆت كونىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دېگەنلەردىن تارتىپ 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇشتۇمتۇتلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» بىردەك دەل مۇشۇ مودېل شەكلىدە داۋام قىلغان. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى 12 يىللىق مۇساپە بۇ ھالنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قىلچىمۇ رەھىمدىللىك قىلماسلىق» ھەققىدىكى كەسكىن يوليورۇقى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىزچىللىق ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەمدە مۇنتىزىم شەكىل ئالغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرقى ھېسابتا «قىرغىنچىلىق» باسقۇچىغا ئېلىپ چىققان.

بۇنىڭ بىلەن دۇنيا خەلقى بىر قېتىم شاھىت بولغان تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقىملىشىپ قېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھەمدە ياۋروپا ئىنسانىي نۇقتىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق زور دەرىجىدە خەلقئارالاشقان بىر زور ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە دۇنيانى ۋىجدان سورىقىغا ئۈندىگەن.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنزمۇ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن ئىزدەشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ مەسىلىنىڭ يىلتىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئاخىرىدا زورلۇق كۈچى ئارقىلىق بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي سىياسىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ھەرقاچان «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» بولۇپ، ھېچقاچان «مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش» بولمىغان. ئۇلارنىڭ «مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش» ھەققىدىكى شوئارلىرى ھەر دائىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىشتىن ئاۋۋالقى سەرخىللارنى تاللاش باسقۇچى بولغان. ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تاللىنىشى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا لاگېرلارغا قامىلىشى ئۇلارنىڭ بىردەك 20 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن تۈگەللەنگەن. چۈنكى مۇشۇ خىلدىكى ئۇزۇن قاماق جازالىرىلا بۇ سەرخىللارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. 20 يىللىق بۇ مۇساپە يەنە بىر ياقتىن دەل كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەۋلادىنى ئۆزىنى تونۇماس قىلىۋېتىشكە، شۇنداقلا بىر ئەۋلادنى تۇغۇلۇپ مۇستەقىل دۇنيا قارىشى شەكىللەنگەن ئىنسانغا ئايلانغۇچە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىشكە يېتەرلىك ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دەل يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەبىئىتى ۋە ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە خەلقئارادىكى ھەرقايسى ساھەنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىگە چۈشىدىغان ھادىسىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بۇنىڭغا ماس ھالدا خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى چۇقانلىرىمۇ ئېشىپ ماڭغان. شۇڭا بۇنىڭدا قانداقتۇر مەلۇم بىرەر دۆلەتنى مەلۇم بىر كوزىرنى ئوينىتىۋاتىدۇ، دەپ سۆز ئويۇنى قىلىش قىلچە ئاساسى يوق بىر تۆھمەت ئىكەن. .

دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تۆھمەتلىرى ھەمدە ئۆزلىرى قىلغان جىنايەتكە باشقىلارنى جاۋابكار قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يالغان ئۈچ قېتىم تەكرارلانسا راستقا ئايلىنىدۇ» دەپ خام خىيال قىلىشىنىڭ پەقەت ئۆزىنى ئۆزى ئالداشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق قىلمىشلىرىنى كۆپ كۆرگەن خەلقئارانىڭ بۇ خىل يالغانلارغا ئەمدى ئۇنداق ئاسان ئىشىنىپ ئەخمەق بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە «چەتئەل تەكشۈرگۈچىلىرى خالىسا كېلىپ كۆرۈپ باقسۇن» دېگەن ۋەدىنى كۆپ قېتىم بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىگە بىنائەن تەكشۈرۈشكە بارغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئىزچىل تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ھەمدە چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بەزىلەر مۇشۇنى تىپىك مىسال قىلغان ھالدا «خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنىلا ئۆزلىرى ئېيتقاندەك ‹پاك› بولسا نېمە ئۈچۈن تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن شۇنچە قورقىدۇ؟ بۇ جايدا ئۇلار نېمىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويماقتىكەن.