7-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى داۋراڭ قىلغان ئىدى.
ئارقىدىن ئىتالىيە ۋە لىتۋانىيە يۇقىرىقى 22 دۆلەتكە قوشۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەنقىد قىلىنغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇشى بىلەن بۇ رەقەم 24 كە ئۆرلىگەن ئىدى.
بۈگۈن، يەنى 29-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» خەۋەر تارقىتىپ، 26-ئىيۇن جەنۋە ۋاقتى ئاخشام سائەت 6 بىلەن خىتاينى قوللاپ خەت ئېلان قىلغان دۆلەت سانىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكىنى ۋە يېڭىدىن قوشۇلغان 13 دۆلەت ئىچىدە ئىران، ئىراق، سىرىلانكا، جىبۇتى ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلىرىنى، ناھايىتى ئۈنۈملۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈچلۈك يوسۇندىكى قوغدىلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ خېتىگە قول قويغان دۆلەت سانى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ بىر ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە 24 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي ئىنسانىي نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ قىلغان چاقىرىقى بىلەن قالغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇنداق قارشى مەكتۇپنى ئېلان قىلىشىنىڭ بىر مەناسى يوقلۇقىنى، ئەمەلىيەتنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دەرۋەقە، دەسلەپتە خىتاينى قوللاپ قول قويغان 37 دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئېغىر تەنقىدلىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئابدۇللا ئەل مۇئالىمى 19-ئىيۇل نيۇ-يورك شەھىرىدە مۇخبىرلارغا قىلغان بىر سۆزىدە: «مەكتۇپتا پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە بۇ، باشقا مەسىلە ئەمەس» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان. دىققەت قوزغايدىغىنى، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە «يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇشىدىكى سەۋەب شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى بىرلەشتۈرگەنلىكىدە» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويغان.
بۇ نۆۋەت يېڭىدىن ئىمزا قويغان 13 دۆلەت ئىچىدە 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە خىتاينى ئەيىبلىگەن ۋە چوڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ئىران بىلەن ھازىرغىچە ھۆرلۈك كۆرۈشى قىلىۋاتقان پەلەستىننىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق بارلىقىنى» ئەسكەرتتى. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە «يۇقىرىقى پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قول قويۇشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالغا كۆنۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن بىر دەرس ئېلىشى كېرەك. دېمەك، مىللىي مەنپەئەتنىڭ ھەرقانداق بىر نەرسىدىن ئۈستۈن تۈرىدىغانلىقى بىزگە ئايان بولۇشى ۋە بۇندىن كېيىن بىزمۇ شۇ مىللىي مەنپەئەتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئىنگلىزچە تەشۋىقات قانىلى بولغان «CNS news» تورىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ، بېلارۇسىيە، لائوس، كونگو ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلغان. گەرچە يۇقىرىقى ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ ئاۋازلىق قىسمىدا ئۇلار قانداقتۇر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرنىڭ تېكىستىدە شۇنداق دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەسىلەن، لائوس ۋەكىلى «شىنجاڭ توغرۇلۇق بىز بۇ يەردە ئاڭلىغان خەۋەر بىلەن ئۇ يەردىكى رېياللىق ئىنتايىن پەرقلىق» دېگەن. كونگو ۋەكىلى بولسا «شىنجاڭ توغرۇلۇق ئىلگىرى مەن ئاڭلىغان سۆز-چۆچەكلەر بىلەن مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن كۆرگەنلىرىم پۈتۈنلەي پەرقلىق. رايون بەك تەرتىپلىككەن ۋە ئادەملىرى بەك ياخشىكەن» دېگەن. يۇقىرىقى خەۋەردە يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى بولسا 25-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتى خەلقئارالىق زىددىيەتكە ئايلاندى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى غەرب دۆلەتلىرى تەنقىدلىسە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قوللاۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارانى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ خەلقئارانى بۆلۈش پىلانى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى لاگېرلارغا ئائىت ھەقىقەتلەر ئاشكارىلانغانسېرى مۇسۇلمان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى ئۆز خەلقى تەرىپىدىن دىنداشلىرىنى قوغداش ھەققىدە بېسىمغا ئۇچراشقا باشلىدى. ئەمدى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا باش ئېگىشىمۇ ئۇنداق ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن.»
0:00 / 0:00