ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپىيىشى خىتاينى جىددىيلەشتۈرمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنى لاگېرلارغا قامىغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى چەكلەش، تۇغماس قىلىش ۋە ئۇلارنى قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارالىق جامائەتكە كەڭ تونۇشلۇق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللىشى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېن چۇەنگو، جۇ خەيلۇن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «21-ئەسىرگە چۈشكەن داغ» دەپ ئاتىغان زۇلۇمنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ بۇ يولدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك راب خىتاينى «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئەپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. مانا بۇ يۈزلىنىش خىتاينى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا كېرەك، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى 31-ئىيۇل كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە توختىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ۋە ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلار ئىسپاتلاپ چىققان پاكىتلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان.

ئۇ بۇ باياناتىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ يەنىلا كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەپ، دىنىي ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىق قاتارلىق زىيانلىق ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇش مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت ياكى دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ زوراۋان تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن. ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە بىر قاتار زوراۋان كۆرۈنۈشلەرنى ئېكراندا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن لاگېرلارغا ئائىت ئىلگىرى كۆپ قېتىم تارقىتىپ بولغان تەشۋىقات فىلىملىرىنى قايتا ئوتتۇرىغا ئەپ چىققان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەخىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەلچى ليۇ شاۋمىڭنىڭ بۇ تەشۋىقاتنى تەكرارلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. چۈنكى، ليۇ شاۋمىڭ يېقىندا ب ب س نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئاندرۋ ماررنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە قاتتىق قىينىلىپ مات بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، مۇھىم تېمىغا ئايلانغان بولغاچقا خىتاي ئەلچى چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنكەن.

يېقىندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە شۇنداقلا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى»، «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى» ھەم شۇنداقلا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزگە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىسى ليۇشاۋمىڭ ئۆزىنىڭ نۇتقىدا ئالاھىدە ئوخشاشلا ئادىرىيان زېنز ۋە يۇقىرىدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى «ئامېرىكانىڭ قوللىشىدىكى خىتايغا قارشى گۇرۇپپىلار» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى، دېگىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلانغان، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2018-يىلى 8‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا يوللىغان دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىكى بۇ تەشكىلات 3-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تەنقىدكە ۋە جازالاش تەدبىرلىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە خەلقئارالىق جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇراش مەقسىتىدە ئۆز تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى لاگېرلاردا ۋە ئىككى مىليون كىشى سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك 8 شاھىتنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يوليورۇق ۋە ھۆججەتلىرى، سۈنئىىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، ئاكادېمىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇستەقىل ئورگانلار تەمىنلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بىز ئۆزىمىزنىڭ تەرەپسىز دوكلاتىدىن پەخىرلىنىمىز ۋە سۆزىمىزدە چىڭ تۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بىز ئەگەر بۇرۇننى ئەسلىسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى كەم دېگەندىمۇ بىر يىل شىنجاڭدا زور كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن ئەپ بارغانلىقىنى يوشۇرغان بىر ھاكىمىيەت ئىدى. ئۇ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ‹بىز پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەۋاتىمىز، › دېگەن ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسىنىڭ قىممىتى يوق، دەپ قارايمەن. ئىككىنچىدىن، ئەگەر خىتاي ئەلچى ليۇشاۋمىڭ ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى پاكىتلىرىنى خاتا دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ توغرا پاكىتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇخبىرلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ، ئاكادېمىكلارنىڭ دەخلى-تەرۇزسىز ھالدا رايوننى زىيارەت قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار بىلەن قورقماي تۇرۇپ سۆزلىشىشىگە يول قويۇش خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق.»

خىتاي ئەلچى ليۇ شاۋمىڭنىڭ خىتاينىڭ كونا تەشۋىقاتلىرىنى يەنە قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ سۆزلىگەن نۇتقى تىۋىتتىردىمۇ نۇرغۇن قوللانغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلارمۇ ئىنكاسىدا خىتاي ئەلچىنى «ئۇزۇن-ئۇزۇن گەپ يورغىلىتىشنىڭ ئورنىغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ئەركىن-ئازادە ھالدا، خالىغان جاينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش» قا چاقىرغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۆزىنىڭ نۇتقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ھەققىدە دەۋاتقانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋە ئۇلار تەربىيەلەپ چىققان ئارتىسلار ئىكەنلىكىنى جان-جەھلى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي ئەلچى مۇخبىرلارنىڭ «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خالىغانچە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا «بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلىمىز، بىراق مەلۇم مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان ئاتالمىش مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.

سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە ئۇنىڭ كومىتېتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قول قويغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەلۇم دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى نازارەت قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا تەدبىر قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. مانا بۇ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى. ئۇنىڭغا ئەزا ھەرقانداق دۆلەت بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا ھەرقانداق دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس ۋە ئۇ تەدبىرلەردىن مۇستەسنا ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى.