ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز ئۇرۇشى پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-08-06
Share
ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز ئۇرۇشى پەيدا قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 2-ئاۋغۇست.
REUTERS

4-ئاۋغۇست كۈنى، 11 ـ نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۇتۇشۇپ قالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئاۋسترالىيە، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، رۇسىيە، كورېيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان بۇ تور يىغىنىدا ئانتونىي بىلىنكېن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغانىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەرەپنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇتۇقىنى ئاللىقاچان سۆزلەپ بولغىنىغا قارىماي قايتا سۆز ھەققى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ يى سۆزىدە بىلىنكېنگە ۋە ئامېرىكاغا «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتىڭلار»، دەپ ھۇجۇم قىلغان.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەتەن ئويلىغىنىمىزدەك بولدى، ئامېرىكا قاتارلىق ئايرىم دۆلەتلەر بۇ كۆپ تەرەپلىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قارا سۈركىدى. . . شىنجاڭ، خوڭكوڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، سىلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، پىتنە ـ ئىغۋا تارقىتىپ، قارا چاپلىدىڭلار. سىلەر بۇ گەپنى قانچە قېتىم دېيىشڭلاردىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر قېتىمدا ئوخشاش رەددىيە بېرىمىز».

ۋاڭ يى يەنە بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى يولغا قويۇشىنى ئاقلىغان ۋە «ئۇلار خوڭكوڭنى قالايمىقانچىلىققا قايتۇرماقچىمۇ؟ ئۇلار خوڭكوڭ مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ يەنە كوچىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلامدۇ؟ مەن سىلەرگە شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇ كۈن ھەرگىز يېتىپ كەلمەيدۇ» دېگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىغىن ئامېرىكانىڭ رايون دۆلەتلىرىگە ئىشەنچ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر جىددىي كەيپىياتقا سەھنە بولغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىرى قاتتىق جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. خىتاي بولسا رايوندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرماقچى بولسا، ئامېرىكامۇ رايوندا ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 4 دۆلەت بىلەن بىرگە رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىل ئىكەن.

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا رايوندىكى تەسىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، زور شېرىكلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «مەنچە ئامېرىكا رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، زور كۆلەملىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا رايوندىكى چوڭ ۋە كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى رايوندىكى كۆپ دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ئىنتايىن زور. ھەتتا ئىقتىسادىي تەسىردىن بەك خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بەرگەن تەرەققىيات قەرزلىرىنىڭ تەسىرى چوڭ دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپى بۇ قەرزلەردىن تۈپەيلى خىتايغا قارشى تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا مۇشۇ رىقابەتلەرنى كۆزدە تۇتۇشى ھەمدە خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ ياۋۇزلۇقى، تاجاۋۇزچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىنتايىن كەسكىن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بىز بۇ دۆلەتلەرگە ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئىشەنچ بېرىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا بەرگەن ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

دەرۋەقە ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنمۇ رايوندىكى زىيارىىتدە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقى، فىلىپپىننىڭ ۋە ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت