ئېللېن كېننېدىي: «يۇقىرى تېخنىكىلىق قىرغىنچىلىق يەھۇدىيلاردىن ئۇيغۇرلارغا ئۆتمەكتە!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن قىرغىنچىلىققا ئوخشايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. مىشېل خاملىن قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ئېللېن كېننېدىينىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئەنە شۇ خىل پىكىرلەرنىڭ بىرىدۇر.

پروفېسسور ئېللېن ماقالىسىدە 1930-يىللاردا ئادولف گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار جامائىتى دۇچ كەلگەن زور ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى بايان قىلىپ، شۇ ۋاقىتتا دۇنياۋى شىركەتلەردىن بولغان IBM نىڭ تېخنولوگىيە ۋە كومپيۇتېر كارتى بىلەن تەمىن ئېتىشى ئارقىسىدا گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا دائىر مۇكەممەل نوپۇس ئىستاتىسكىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا يەھۇدىيلارنىڭ مىليونلاپ قىرىلىپ كېتىشىدە پەۋقۇلئاددە زور رول ئوينىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا ھازىر مۇشۇ خىلدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قارا سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى باسقۇچتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىر پۈتكۈل مىللەت بويىچە تىل، مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقاد بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش خەۋپىدە ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى «تېررورچى» ياكى «تېررور گۇماندارى» دەپ قارالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى قوبۇل قىلماسلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىلىشى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن بىراقلا خالاس بولۇپ، بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشنى تولۇق كونتروللۇقتا تۇتۇشنى ئىستىمەكتە ئىكەن.

پروفېسسور ئېللېن نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ھادىسىلەردىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇملىشىۋاتقان چىراي تونۇش تېخنىكىسى، ئەقلىي تېلېفوننى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى، گېن تەكشۈرۈشلىرى ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش قاتارلىقلارغا يانداشتۇرۇلغان ھالدا تەقلىدىي ئەقىل ئارقىلىق كىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «تەھدىت» ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىشىنى سۆزلەپ كېلىپ بۇنى «دۇنيادىكى ھۆكۈمەت ئىجراسىدا ئەمەلگە ئاشقان نازارەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ئىرۋېن كوتلېر بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشتىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلار ھەققىدىكى سەلبىي تەشۋىقاتلاردىن باشلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى زەھەرلىك گاز ئۆيلىرىدىن باشلانغان ئەمەس. بەلكى ئالدى بىلەن مۇشۇ خىلدىكى سۆزلەردىن باشلانغان. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق بۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى كۆپلەپ كۆرەلەيمىز. يەنە كېلىپ بۇ بالايىئاپەتلىك ساۋاقلارنىڭ ھەممىسى ئىرقچىلىق بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. بۇ ئىشلار 21-ئەسىردە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغاندا بولسا بىز ئادالەت بىلەن تەڭسىزلىكنىڭ كۈرىشى ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىمىزنى بايقىدۇق.»

پروفېسسور ئېللېن بۇ جەھەتتە مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ يىل-يىللاپ قىيناقلارغا دۇچ كېلىشىدىن باشقا يەنە زور تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىشى ۋە مەجبۇرىي خاراكتېردىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا بولغان سەبىي بالىلارنىڭ بىر بولسا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىشى، بىر بولسا خىتايلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ ئەھۋال گېۋاتېمالا ياكى ئارگېنتىنادىكى قىرغىنچىلىققا بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ ھالنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىم چېگراسىدىكى كۆچمەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن جۇدا بولۇشىدەك بىر ئەھۋالمىكىن، دەپ ئويلىساق پۈتۈنلەي خاتالىشىمىز،» دەيدۇ.

پروفېسسور ئېللېننىڭ قارىشىچە، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھۆججەتلىك ماتېرىياللار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتنىڭ قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئارىيانلارنىڭ ئالىي ئىرق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى نەزىرىيەلەر سەۋەبىدىن «نورمالسىز» ياكى «كېرەكسىز» دەپ قارالغان خەلقلەرنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن يوق قىلىۋېتىشنىڭ تۈرلۈك چارىلىرىنى تېپىپ چىققان. 1940-يىللاردىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدە كەڭ قوللىنىلغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» داۋامىدا يەھۇدىي ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇۋېتىش بولغان. بۇنىڭدا بىمار ھېچقانداق ھۇشسىزلىق ھېس قىلمايدۇ. مانا مۇشۇ شەكىلدە ئاسۋىشىن لاگېرىدا كۈنىگە مىڭ نەپەر ئايال بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. نەتىجىدە 400 مىڭ ئايال مۇشۇ شەكىلدە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەبىئىي پەن ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ چىققان «سايكلون B» ناملىق زەھەرلىك گاز تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخسۇس ئۆيلەردە ئۆلتۈرۈلگەن مىليونلىغان يەھۇدىيلارنىڭ جەسىتىنى بىرياقلىق قىلىشتا كۈنىگە 1400 جەسەتنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئەمەلگە ئاشقان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› مەزگىلىدە يۇغۇرى پەن-تېخنىكىنى قوللىنىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىز ياخشى بىلىمىز. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى مۇشۇ شەكىلدە يۇغۇرى تېخنىكىلىق زىيانكەشلىكنى ئۇيغۇرلارغا توغرىلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس قايتۇرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى» دەيدۇ.

بۇ توغرىسىدا پروفېسسور ئىرۋىنمۇ مۇشۇنداق قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى كۈندە مۇشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھىدلىرى شۇنچە كۈچلۈك پۇراپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ دۇنيانىڭ يەنىلا بۇ مەسىلىگە قارىتا يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانماسلىقى ھەر بىر كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«يەھۇدىيلارغا قارشى بۇ ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار يەھۇدىيلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئەمما يەھۇدىيلاردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان بىرمۇ كىشى قالمىغان. يەنە كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئىززەت ۋە غۇرۇرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە زور كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب قىلىنغان. ئالتە مىليون يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ رېئاللىقنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بىز ساۋاق ئېلىش توغرا كەلسە بىرىنچى بولۇپ خاتىرىمىزنى يېڭىلاشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. بۇ خىلدىكى خاتىرە ئۈچۈن بىزدە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە خەتەر تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىز كۆز ئالدىمىزدىكى رەزىللىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈتنى تاللىساق بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى «زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش» قىلمىشىغا شېرىك بولۇۋاتقان دۆلەتلەر خىلى كۆپ بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭمۇ بۇ سەپتىن ئورۇن ئېلىشى «بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پاجىئە» دەپ قارالماقتا ئىكەن.