76 نەپەر دىنىي رەھبەر بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

8-ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىسلام، خرىستىئان، يەھۇدىي، بۇددىزم ۋە باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 76 نەپەر دىنىي رەھبەر بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشى، خرىستىئان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (CSW)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىتتىپاقى ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورگانلارمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، يۇقىرىقى دىنىي رەھبەرلەرنىڭ باياناتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ باياناتقا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، بېرما ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي دىنى، ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە تىبەت بۇددىزىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىمزا قويغان.

باياناتتا «بىز خىتاينى ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› دىن بۇيانقى ئىسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەبىھ جىنايەتتۇر،» دېيىلگەن.

خرىستىئان بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بەننېدىكت روجىر ئەپەندى بۇ بايانات ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىنى لىدېرلارنىڭ سۆز قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنى زاتلارنى بۇ باياناتقا ئىمزا قويۇشقا تەشكىللىدۇق. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىاتقان زۇلۇمى ھەققىدە نۇرغۇن ئىسپاتلار ئاشكارىلاندى. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرلغان جنايەتكە سۈكۈت قىلىشكا بولمايدۇ. يەھۇدىي جامائىتىگە نىسبەتەن بۇ قىرغىنچىلىق بەكمۇ سەزگۈر تېما. ئۇلار خېلى بۇرۇنلا بۇ قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش جاسارىتىنى كۆرسەتتى. بۇ قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش پەقەتلا دىنى ئىتىقادنىڭ زىممىسىدىكى مەسىلە بولۇپ قالماستىن، بەلكى بارلىق دىنىي رەھبەرلەرنىڭمۇ ۋەزىپسىدۇر.»

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشجانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بايانات ئارقىلىق خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنۇلغان تەلەپ ھەققىدە تەپسىلىي توختلىپ ئۆتتى: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، دىنى لىدېرلارغا ۋە كەڭ ئاممىغا قارىتىلغان ئالتە تۈرلۈك تەلىپىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

ئەنگلىيە يەھۇدىيلار ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋىن شۈكۈر يەھۇدىي جامائىتىنىڭ بۇ قىرغىنچلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يەھۇدىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىنىڭ لوندوندىكى گۇرۇپپىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، 76 نەپەر دىنىي رەھبەرنىڭ بىرلەشمە باياناتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچلقىغا ‹ئەمدى توختات› دېيىشكە چاقىرىق قىلدۇق. مەن بۇ ئارقىلىق ‹ئەمدى يىتەر، ئىنسانىيەت، ئويغىنىڭلار!› دېمەكچىمەن.»

بەننېدىكت روجىر ئۇيغۇرلارغا يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ زۇلۇمغا دۇنيانىڭ ئەمدى قارشى تۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان، خرىستىئان، يەھۇدىي ۋە بۇددىسىت لىدېرلارنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، بىر توپلۇققا قارىتىلغان رەزىل سىياسەتكە قارشى چىقىشى تارىختا كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت. بۇ ھەم ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان ‹شىنجاڭ› ھەققىدە ئۇچۇلارغا ئېرىشىش بەك تەس، ھازىر بۇ مەسىلىنى بارا بارا چۈشىنىپ يەتتۇق، شۇڭا بۇ باياناتىنى بەردۇق.»

ئېدۋىن شۈكۈر ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئوخشاشلا ئىنسان. بىز ئوخشاش شەكىلدە تۇغۇلىمىز، ئوخشاش شەكىلدە ئۆلىمىز. كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۇقكى، بىز ئوخشاش ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىدىكەنمىز. شۇڭا بارلىق دىنىي لىدېرلانىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى بەك نورمال. بىر ئىتىقادقا ھۇجۇم قىلغانلىق، بارلىق دىنلارغا ھۇجۇم قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. بىز بىرلەشمىسەك، ئاجىزلىشىپ كېتىمىز. شۇڭلاشقا ئەگەر بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىنغاندا، ھەممىمىز بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»

باياناتتا ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ دىنى باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن تىبەت بۇددىستلىرى، فالۇنگۇڭچىلار ۋە خىتاي خىرىستىيانلىرى بىلەنمۇ بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.