ئېدىنبۇرگ خەلقئارا كىتاب فېستىۋالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلغان

0:00 / 0:00

21-ئاۋغۇست كۈنى شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئېدىنبۇرگ خەلقئارا كىتاب فېستىۋالى» غا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئېدىنبۇرگ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى جەريانىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىپ، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلغان.

گۈلباھار خانىم مەزكۇر كىتاب فېستىۋالىدا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۆتكۈزگەن پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتقان. ئۇ ئۆزنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىچ يۈزىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز فىرانسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قانلىق پاجىئەنى ئاڭلاتقانلىقىنى، فېستىۋالغا قېتىلغۇچىلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئېيتتى. گۈلباھار خانىم يەنە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدىن كىيىن بۇ قېتىملىق فېستىۋالدا «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» دېگەن كىتابىنىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. گۈلباھار خانىم پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيەت ئېنتايىن ئەھمىيەتلىك ئاياغلاشتى. مەن مىللىتىم ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بىر ئىشلارنى قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مىللىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن.»

شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئېدىنبۇرگ خەلقئارا كىتاب فېستىۋالى» غا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتماقتا. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن فېستىۋال ئاخبارات بۆلۈمىدىن فېستىۋال ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە ۋاقىت ئاجىرىتالمايدىغانلىقى توغرىسدا ئېلخەت تاپشۇرۋالدۇق.

لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم 2020-يىلى فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست روزېن مورگانت بىلەن بىرلىكتە لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» دېگەن نامدا فىرانسۇزچە نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. كېيىنچە مەزكۇر كىتاپ تۈركچە ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدىمۇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان.

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خانىم ۋە ئۇنىڭ بايان قىلىشى بىلەن يورۇق كۆرگەن مەزكۇر كىتابنى كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۇ بۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامىرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئاڭلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس خانىم گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن ئەنگىلىيە، ئامىرىكا قاتارلىق غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرگە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قاتلىمى، شۇنداقلا سەزگۈر بىر قاتلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرىنىڭ ئوبېيكتى بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا قانات يايدۇرغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بالىلىرى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. لاگېردىن ھايات قېچىپ چىققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، لاگېرلارغا سولانغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ رەھىمسىز قىيىن-قىستاقلىرىغا، جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە، تۇغماس قىلىنىشىغا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلىشىغا ئۇچرىغان. ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يېتىمخانىلارغا ئاپىرىلىپ، خىتايچە تەربىيە ۋە كوڭزىچىلىق تەلىماتلىرى بىلەن مېڭىسى يۇيۇلغان.

روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى، ئايال شاھىتلارنىڭ رولىنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. روشەن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بەدىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانى بولۇۋاتىدۇ.»

ئېدىنبۇرگ خەلقئارا كىتاب فېستىۋالى (EIBF) ھەر يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىقى ئۈچ ھەپتىسىدە شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدىكى شارلوت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاپ فېستىۋالى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر فېستىۋالدا كىتاب كۆرگەزمىسىدىن باشقان تۈرلۈك بالىلار پائالىيەتلىرى، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي سۆھبەتلەر ھەمدە مۇنازىرە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.