1-سېنتەبىر كۈنى پىتتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ۋە بازار مەركىزى (Center for Governance and Markets at the University of Pittsburgh)، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى (Center for Russian, East European & Eurasian Studies)، پىتتسبۇرگ ئىسلام مەركىزى (The Islamic Center of Pittsburgh) ۋە بېس شالوم جامائىتى (Congregation Beth Shalom) ساھىبخانىلىق قىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتس، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن پىتتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىممەت قارىشىنى يىغىن قاتناشچىلىرىغا بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز،» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر خىل ئورگان ۋە ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرىنى چۈشىنىش. بىز شەخسلەر ۋە كوللېكتىپنىڭ ئەركىن، باياشات، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى خىرىسلارنى يېڭىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىمىز.»
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئېتنىك كىملىكى ۋە دىنى-ئېتىقادى سەۋەبلىك مەلۇم بىر مىللەت توپىنىڭ ئەڭ زور كۆلەمدە لاگېرلارغا يىغىۋېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. لاگېرلاردا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا «مېڭە يۇيۇش» ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئۇلار يەنە سۇدا تۇنجۇقتۇرۇلۇش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك قاتارلىق جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارغىمۇ ئۇچرايدىكەن.
مېھرىگۈل تۇرسۇن 2015-يىلى مىسىردىن ئۈچكېزەك بالىلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن تارتىپ، تاكى 2018-يىلى ئامېرىكاغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى دەھشەتلىك لاگېر كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى. «ھەر قېتىم ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە، ئاشۇ قورقۇنچلۇق كۈنلەرنى قايتا ياشىغاندەك بولىمەن،» -دەيدۇ مېھرىگۈل.
مېھرىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مىسىردىن قايتىپ، ئايرودرومغا چۈشكەن كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ 45 كۈنلۈك بولغان ئۈچكېزەكلىرىنى - ئىككى ئوغۇل بىر قىزنى قولىدىن تارتىۋېلىپ، مېھرىگۈلنىڭ ئېغزىنى چاپلاپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىغا كويزا سېلىپ، ئۇدۇل ساقچىخانىنىڭ سوراق ئۆيىگە ئېلىپ بارغان ئىكەن. مېھرىگۈل خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش، كېچە-كۈندۈز سوراق قىلىش، شاپىلاقلاش-مۇشتلاش، توك كالتىكى قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇش، ئايلىنىپ كەتكەندە يۈزىگە سوغۇق سۇ سېپىپ ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن يەنە قىيناش، ئىتلارنى قويۇپ بېرىش. . . يەنى ئەقلىمىزگە كەلگەن ۋە كەلمىگەن بارلىق قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللانغانلىقىنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئەسلەپ چىقتى.
كومىسسار نۇرى تۈركەل مېھرىگۈلگە تەسەللى بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تېرىك ئىسپاتى. بۇ يەردە يەنە دېگۈدەك باشقا گەپ قالمىدى. ئەمدى ئاشۇ سىياسەت بەلگىلەيدىغانلار، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىتى يېتىدىغان ئورۇندىكى كىشىلەر مېھرىگۈلنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى بىر ئاڭلاپ چىقسۇن. بۇ ئوپئوچۇق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر.»
نۇرى تۈركەل يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى نومۇس قىلماي لاگېردىن قۇل ئەمگىكى ئۈچۈن زاۋۇتلارغا يۆتكىگەنلەرنى ‹ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۆزلۈكى ھەقىقەتەنمۇ ۋىجدانلىرىمىزنى ئويغىتىشى كېرەك. ئەگەر بۇمۇ بىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمىسە، ئۇ چاغدا باشقا يەنە نېمىنىڭ بىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.»
ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە، كىتابلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان تەتقىقاتچى شان روبېرتس مېھرىگۈلگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبسىز بىر شەكىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ‹تېررورلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرىدۇ› دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى ئېتنىك، ئىرقى جەھەتتىن پۈتۈن مىللەت بويىچە قاتتىق نازارەت قىلماقتا. شۇنداقلا ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلماقتا. بۇ دەل مۇشۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىز 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق كونتروللۇقنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرىمىز. دېمەككى، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بۇ يەرنى رەسمىي ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش كېرەك› دەپ قارار قىلغاندەك تۇرىدۇ.»
يىغىن داۋامىدا نۇرى تۈركەل ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، تەتقىقاتچى شان روبېرتىس بۇنىڭغا تولۇقلىما قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىلگىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنى ‹ئەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى› دىكىدەك توپلاپ ئۆلتۈرۈپ يوقاتمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق بىر بەلگىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تۇپراق ئۈستىدە ياشاۋاتقانلارنى پۈتۈنلەي جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەتلا ھايات قالغانلارنىڭ سانى كېمەيتىلىسە، چەتكە قېقىلسا ۋە ئۇلارنى جەمئىيەتتە ھېچقانداق رولى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرسىلا كۇپايە. مەن ئادەتتە ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دېگەن سۆزنى ئىشلىتەتتىم. لېكىن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ئېنىقلىمىسىدا ئېيتىلغان ‹ئىنساننى يوقىتىش› دېگەنلىك، پەقەتلا ‹ئۆلتۈرۈۋېتىش› دېگەنلىك ئەمەس. ئىنساننىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشمۇ ‹ئىنساننى يوقىتىش› كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. قىسقىسى، مەلۇم بىر توپلۇقنى جەمئىيەتتە ھېچقانداق تەسىرى يوق جامائەتكە ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ توغرا چۈشەندۈرۈلۈشى. نۆۋەتتە ئەڭ جىددىي بولغىنى خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇننى ئىشقا سېلىپ 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ كرىزىسنى توختىتىشتۇر.»
يىغىن ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ سورالغان سوئاللاردىن بىرى بولغان «شەخس بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دېگەن سوئالغا كومىسسار نۇرى تۈركەل ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە يولنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن دۇنيانىڭ ئەركىن پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن قىلالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشىڭلار شۇكى، بىرىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنى ‹ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى› نى قوللاشقا چاقىرىش. ئىككىنچىدىن، بىۋاسىتە ئاقسارايغا تېلېفون قىلىپ، سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىققا چاقىرىش. ئۈچىنچىدىن، مەكتەپلەردە، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئادالەتسىزلىككە قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالىي مەكتەپلەردىكى ‹خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى› نىڭ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلىم دۇنياسىغا خىتاي ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرۈشى بەك مۇھىم. ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپرەك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشىمۇ بەك مۇھىم. خۇلاسە قىلغاندا، ئەگەردە ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن› دېگەن بۇ سۆز پەقەت شوئارلا بولۇپ قالمىسۇن دەيدىغان بولساق، خەلقئارا ئورگانلار خىتاي ھاكىمىيىتىنى بۇ مەدەنىيەتلىك دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا، لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلىشى؛ بۈگۈنكى دۇنيادا ‹قۇل ئەمگىكى› ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا كۈچىشى كېرەك.»
0:00 / 0:00