ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىلەردە قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىسىنى تاشقى دۇنياغا ئىزچىل پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان ئىدى. يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە رايون ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. 7-سېنتەبىر ئەلجەزىرە تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۇنيانىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىنى خالايدىغان ھېكايىلەر» سەرلەۋھىلىك ۋىدىيولۇق خەۋەر دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەلجەزىرە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان يېڭى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سىرتقى دۇنياغا تارقاتقان خەۋەرلەر بىلەن غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆز ئالدىغان ئىگىلىگەن پاكىتلىق خەۋەرلەر ۋە چەتئەلدىكى تەتقىقاتچىلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىققان.
خىتاينىڭ 1 مىليوندىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا توپلىغانلىقى دەللىنىپ غەرب دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە مەزكۇر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بەزى كىشىلەرنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
ئەلجەزىرەنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە ئۈستىدىن ئانالىز يۈرگۈزگەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بايانلىرى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسىغا بېقىپ ئۆزگىرىپ كەلدى. خىتاينىڭ بۇنداق ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنداق ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشقا بەك ئۇستا. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى سىياسەتتە ئۆزى بىلەن ئەينى پىكىردە بولمىغانلارغا قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. بۇنداق ھالەتتە مەلۇم بىرىنىڭ خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر تېما بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىشى تەس ئىش.»
چەتئەلدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندا شۇنىڭغا قارىتا دەرھال تەتۈر باياناتتىن بىرنى ئېلان قىلىپ قارشى تەرەپكە رەددىيە بېرىدىكەن. ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدىمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن.
خەۋەردە بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېكتور گاۋ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، «سىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم شۇ يەردە ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇۋاتقان تەھدىت ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىشىڭىز كېرەك. غەرب ئاخباراتى پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ،» دەيدۇ.
بىز مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەرگە ئاساسەن نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن ساقىت قىلىش ياكى قىلالماسلىق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇۋاتقانلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقان دۆلەتلەر بولغاچقا، بۇنداق تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى خەلقئارادا ئۇزاق داۋام قىلالمايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنتېرنېت ۋە يانفون سىگناللىرىنى مۇتلەق كونترول قىلىش، چەتئەل مۇخبىرلىرىنى رايوندا زىيارەتتە بولۇشقا يول قويماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكادىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرمەكتە.
ئەلجەزىرە تورىدىكى خەۋەردە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۆلۈمدىكى ئاساسەن ھەممە مۇخبىرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ ھالنىڭ ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش يولىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ‹دۈشمەن رادىئو›، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ بۆلۈم دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇستەقىل ئۇيغۇر تاراتقۇسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئائىلە-ئەزالىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا نىشانلىق زەربە بەردى ھەم ئۇلارنى تۇتقۇن قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مۇخبىرىمىز ئاشكارا گۇۋاھلىق بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ تۇتقۇنلار ئارقىلىق مۇخبىرلىرىمىزغا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتكۈزىدۇ. ۋەھالەنكى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىزنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.»
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورى ئارقىلىق تاپقان بەزى ئۇچۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ياكى شۇ تور بېكەتنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ ئەلجەزىرە تورىغا ئېيتقان سۆزىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تەپسىلاتلار، يەنى بىخەتەرلىك تەدبىرلەر، تور سىملار، كۆزىتىش مۇنارلىرى، لاگېرنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭغا سالغان مەبلەغ قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. بۇلار يوقاپ كېتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بىز شۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئارخىپ قىلىپ ساقلاشقا كىرىشتۇق. خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەھەتتە بىزنىڭ كەينىمىزدە قالدى. بىز بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈۋالدۇق.»
ئۇنداقتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ياكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؟ نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆزى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بولسا چوقۇم ئۇنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى، سۈكۈتنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خەۋەر ۋە دوكلاتلاردىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا بېسىملىرى ئىزچىل كۈچىيىۋاتقان ھالەتتە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشنى «ئاشقۇلۇق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈرىشىدۇر» دېگەن نامدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
0:00 / 0:00