غەرب دۆلەتلىرى ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى سۇنۇشنى مۇزاكىرە قىلماقتا

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 12-سېنتەبىر باشلانغان 51-نۆۋەتلىك يىغىنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى مەركىزى تېما قىلغان كەسكىن دىپلوماتىك جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايمۇ 7-ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ نۆۋەتتىكى يىغىندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر قارار چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق كۈچىمەكتىكەن.

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى 19-سېنتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئاللا بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ۋېنېزۇئېلا، سەئۇدى ئەرەبىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ قوللىشىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنى ھوقۇقىدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىش، «مەۋجۇت ۋەزىيەتنى كۆپتۈرۈپ، غەربنىڭ قۇتۇپلاشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

بۇ قېتىم خىتاينىڭ باياناتىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەردىن ئاز بولسىمۇ، بۇ 30 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى پەقەت سەككىزىنىڭ 47 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بولسىمۇ، بىراق مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ نىسبىتى تەڭلىشىپ قالغان.

مەركىزى ياۋروپادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت دىرېكتورى لاۋرا خارت Laura Harth 2-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر سىگنال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇنداق بولۇش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە بىر ۋاقىتتا، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان، شى جىنپىڭ 3-قېتىم رەئىس بولۇشنى قوغلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنىڭ تەشۋىقات غەلىبىسى بولىدۇ. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، خىتايدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈنمۇ، خوڭكوڭ، تەيۋەن، دۇنيانىڭ ھەممە جايىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى خالىمايدىغان خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا، بۇنداق بولۇشى خىتايغا سىگنال بېرىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلاردىن تارتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە سىگنال بولىدۇ.»

لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەرگە ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ جاۋابكارلىققا تارتىش مەسئۇلىيىتى يۈكلىگەن. لاۋرا خارت: «بىر نۇقتا بىزگە ناھايىتى ئېنىق، شۇنداقلا دوكلاتتىمۇ ناھايىتى ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ دوكلاتتا ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دوكلاتتا ھەممە نەرسە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بۇ جىنايەتنى باشقا قاناللار ئارقىلىق ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان» دېدى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رۇسىيە، شىمالى كورېيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قىرغىزىستاندەك دۆلەتلەر خىتاينى قوللاۋاتقان ئەھۋالدا، غەرب دۆلەتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىش خەۋپىنىمۇ ئويلاشماقتا ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ يەرشارى ۋە كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى بېلېن مارتىنېز كوربونېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ دەرىجىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتىكەن.

بېلېن مارتىنېز كوربونېل خانىم 19-سېنتەبىر «ئاتلانتىك كېڭەشى» نىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «دوكلاتتا، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە چاقىردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىنىڭ تەكلىپلىرىنى تولۇق قوللايدۇ. بىز دوكلاتنىڭ مەيلى بېيجىڭدا، مەيلى نيۇ-يورك ياكى جەنۋەدە بولسۇن ئۇيغۇن بىر شەكىلدە تەقىب قىلىنىشىنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمىز. تاشقى ئىشلار ئالىي كومىسسارىمىز بۇنى تۈنۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرككە يەتكۈزدى.»

بېلېن مارتىنېز كوربونېلنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەزىيەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىزچىل كۆزىتىشىنى تەلەپ قىلماقتىكەن. بېلېن مارتىنېز كوربونېل: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ب د ت نىڭ مەيلى جەنۋە ياكى نيۇ-يورك بولسۇن كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆزىتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بولۇپمۇ بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دوكلاتنى ماھىيەتلىك مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە تەرەپسىزلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ. بىز خىتاينىڭ ھازىرقى تەشۋىقاتلىرىنىڭ دوكلاتنى ۋە ئىشخانىنىڭ پاكىت توپلاش، توغرا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

«كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى» دىكى لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا «پاكىت يوق» دېگەننى باھانە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ باھانە كۆرسىتىشىگە ھېچقانداق سەۋەب قالمىغان.

لاۋرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۇنيا مىقياسىدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ جاسارەتلىك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇزۇندىن بېرى ئۇلار يېتەرلىك پاكىت يوق، دېگەننى باھانە قىلىپ كەلگەن ياكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى توغرا كىشىلەرگە يەتكۈزۈلمىدى، دەپ كەلگەن. قىسقىسى، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ بۇ جىنايەتنى داۋاملىق سادىر قىلىشىغا يول قويغان. مانا ئەمدى ب د ت دوكلاتى بار، دوكلاتتا خەلقنىڭ قانچىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ بېرىشى ۋە باشقا قانۇن يوللارغا باش ئۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 14 دۆلەت مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشنى قوللىغان، بىراق يەنىلا 15 تىن 18 گىچە دۆلەت خىتاينى قوللايدىكەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق قارار چىقىرىش ياكى چىقارماسلىقى خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرى بىلەن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قوغداش ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھالقىلىق تېمىغا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.