G7 دۆلەتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.09.23
بېيجىڭ-موسكۋا زومىگەرلىكىگە قارشى كوللېكتىپ مۇداپىئە ئىتتىپاقى-NAIPTO نى قۇرىدىغان پەيت كەلدىمۇ؟ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جاۋ بايدەن G7 نەق مەيداندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-ئىيۇن، گېرمانىيە.
AP

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق G7 دۆلەتلىرىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچۈن نيۇ-يورك شەھىرىگە جەم بولغاندا، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

22-سىنتەبىر كۈنى، G7 دۆلەتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتتىن قارىغاندا، G7 دۆلەتلىرى دۇنيا ۋەزىيىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 3 مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە نوقتىلىق سۆزلەشكەن. بۇ مەسىلىلەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «G7 دۆلەتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالانغان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى ھەمدە دوكلاتنىڭ ئومۇمىي باھاسىغا-جۈملىدىن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ‹خەلقئارالىق جىنايەتلەر، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى.»

باياناتتا يەنە G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنۇلار دېيىلگەن: «G7دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىنى ھەرقايسى شېرىك دۆلەتلەر، پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن كېيىن، ب د ت نىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى. G7 دۆلەتلىرى خىتاينى ئۆز قانۇنلىرى ۋە ئۆزلىرى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلار بويىچە كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

«خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» (CHRD) ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى (William Nee) نىڭ قارىشىچە، G7 دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىنكاسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن G7 دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىنكاسى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ دوكلات ب د ت دىكى ئىنتايىن نوپۇزلۇق دوكلات بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا بولۇۋاتقانلارنى چۈشىنىشى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشىگە يول ئاچتى. بۇ دوكلات ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت گە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدە بېسىم قىلالايدۇ. شۇڭا، G7 نىڭ ئىنكاسى دوكلاتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ دوكلاتنى چىقىرىش ئۈچۈن يىللارچە چاقىرىق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، بۇ باياناتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەيۋەن بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغانلىقى، ئۇيغۇر مەسىلسىنىڭ G7 دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ بايانات دۇنيا سىياسىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى. ئۇ سۆزىدە «دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ 7 دۆلەت تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى بىزنى ناھايىتى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتىن يولغا چىقىپ، بۇنداق بىر بايانات بېرىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقەدۇر. بىز دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن بېرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئەمدى قۇرۇق بايانات بەرمەي، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردۇق. بىز G7 نىڭ باياناتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

مەزكۇر باياناتتا G7 دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي ھەققىدىكى مەيدانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئېنىرگىيە ۋە ئاشلىق مۇقىملىقىغا كەلتۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرى شەرھىيلەپ ئۆتۈلگەن.

ئاندىن G7 دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىتى تىلغا ئېلىنىپ، G7 دۆلەتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ھالىتىنىڭ بىر تەرەپلىك، مەجبۇرىي ھالدا ئۆزگەرتىلىشىگە قارشى تۇرۇدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئارقىدىنلا باياناتتتا، G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باھالىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ۋىليام نى ئەپەندى، G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ھازىر چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ب د ت دا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتى 7-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت مۇتەخەسسىلىرى بۇ دوكلاتتىكى بايقاشلارغا ئاساسەن بىر بايانات ئېلان قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنى شەرھىيلەپ چىققان ئىدى. ئۇلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسسىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دوكلات بېرىشى لازىملىقىنى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ياكى باش كاتىپ تەرىپىدىن خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس بىر ھەيئەت تەيىنلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەنچە، G7 دۆلەتلىرى ئەمدى مانا بۇ تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، ب د ت غا بېسىم قىلىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ بايانات G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمدىكى سوئال ئۇلارنىڭ قانچىلىك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىدا. ھازىر ئۇكرائىنا كىرىزىسى بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى كۆپرەك شۇنىڭغا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت رۇسىيەنى ئاستىرتتىن قوللىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقى، G7 دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، دەپ قارايمەن.»

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئسىتراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، G7 دۆلەتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلغان ئەڭ مۇھىم 3 مەسىلىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ھەل قىلىش ۋە بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى بىر قارارنامە ماقۇللاش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

دەرۋەقە، ھازىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى نۆۋەتتە دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا ئايلانماقتا. خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خىتايغا قارشى مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر قارار چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق كۈچىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.