سوفېي رېچاردسون: «بۇ جەريان ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى كېچىكىپ كەتكەن ئادالەتنى تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان».

0:00 / 0:00

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر جەنۋەدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىرلىكتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان.

ئەگەر تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللىنىپ، خىتاي كېڭەشتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بويىچە ئەيىبلەنسە، بۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ يېقىنقى 16 يىللىق تارىخىدا ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بويىچە ئەيىبلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن. خىتاي تەرەپنىڭ جەنۋەگە ئەۋەتكەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىلسا «جەڭگە تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەنىدى. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئېلان قىلغان دوكلاتنى رەسمىي شەكىلدە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش. مۇزاكىرىدە كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا جىددىي قارارلارنى چىقىرىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆز مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى رەسمىي شەكىلدە تەكشۈرسە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا ھەپتە قالدى، شۇڭا خىتاي بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. قىسقىسى قارار لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم. ئەلۋەتتە بۇ، بىرئاز ئۇزۇن جەريان. لېكىن ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى كېچىكىپ كەتكەن ئادالەتنى تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان».

26-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 66 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاشقا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتا مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قاتارلىق ۋەھشىي جىنايەتلەرنى تۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئەستە ساقلىشى كېرەك. ئادالەت چوقۇم ئورنىنى تېپىشى كېرەك».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن مەزكۇر قارار لايىھەسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇش، مۇزاكىرىگە قويۇلۇش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت خىتايغا قارىتىلغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى قوللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ۋە تام سۇۋازى ئىشخانىسى 23-سېنتەبىر كۈنى قارارنامە سۇنۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاشقا چاقىرغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرىنى قوللاشقا چاقىرغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەلەپ قىلغان.