غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنە بۆلۈندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.27
پائاليەتچىلەر: مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفېلد (Linda Thomas-Greenfield) ب د ت نىڭ باش شتابىدىكى يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 24-ئاۋغۇست.
AP

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 12-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاينى قوللايدىغان مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىبدات دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 26-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 22-قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنىدىكى مۇنازىرىدە سۆز ئالغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن يىغىندا پاكىستان ۋەكىلى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينى قوللايدىغان 60 تەك ئىستىبدات دۆلەتلەر ۋە خىتاي بىلەن زىچ ئىقتىسادىي باغلىنىشى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە ۋاكالىتەن بايانات بېرىپ، شىنجاڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا غەربنى كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇردى، دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىققەتنىڭ غەربتىكى ئىسلامىفوبىيەگە يەنى ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى. 26-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بولغان مۇنازىرە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپ لايىھىسى كېلەر ھەپتە ئاۋازغا قويۇلىدىغان ھالقىلىق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا ئۈندىگەن.

يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىقى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەييارلىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا خورلاش قىلمىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بۇ قەبىھلىكلەرنى دەرھال توختىتىشقا، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئىز دېرىكىنى بېرىشكە ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزىدە يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىبەت، خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىنمۇ داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرگە چېگرا ھالقىپ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئامېرىكا ۋەكىلى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا، جۈملىدىن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق شەخسلەرگە قارىتا داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش، جىمىقتۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمڭن مانلېي سۆز ئالغاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. سىمون مانلېي مۇنداق دەيدۇ: «سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايقالغان. بىز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىبادەت قىلىشىغا، ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئېتىقادىنى بەجا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ پەقەت ئاز سانلىق مىللەتكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشتۇق…. بىز كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان بۇ خىل ئېغىر ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىككە كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ دەپسەندىچىلىككە سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ، سۈكۈت قىلماسلىقى شەرت».

بۇ يىغىندا ھەممىدىن بەك دىققەت قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىشى بولدى. خىتاي بۇ يىغىنغا شاۋكەت ئىمىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئشخانىسىنىڭ باشلىقى شۈ گۇيشياڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنىدى.

يىغىندا شاۋكەت ئىمىن، شىنجاڭنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى، شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمەتكە تەڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئاتالمىش يامان غەرەزلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقى، ۋاستىلاشتۇرغانلىقى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

شاۋكەت ئىمىن2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئاقلاشقا سېلىنغان 2-يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرى. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنياز ب د ت دا خىتايغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئوخشاشلا خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئاقلىغانىدى.

گەرچە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق شۇ كۈنى يىغىندا سۆز ئالغان گېرمانىيە، چېخىيە، لىتۋا، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە لېيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدىكى بايانلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيە ۋەكىلى سۆز ئالغاندا گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت ماھىيەتلىك دوكلاتىنى قارشى ئالىمىز. بۇ مەدەنىيەت، دىنىي، كىملىك ۋە دىنىي مىراسلارنى چېقىش جەھەتلەردىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دوكلاتتا دەلىللەر مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى».

گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، گېرمانىيە خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ ئىشتا بارلىق ھادىسىلەر تەكشۈرۈلۈپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۈپ ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگۈچە بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەتنى چاچماسلىققا چاقىرىدىكەن چاچماسلىققا چاقىرىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھەنىڭ 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بۇ يىغىندا ماقۇللىنىشى ياكى رەت قىلىنىشى مەلۇم ئەمەس. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلا ر توغرىسىدا بىرەر قارار ماقۇللىسا خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.