ئۇيغۇر مەسىلىسى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلانغان

0:00 / 0:00

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈنلىشىش جەريانى: شەرقىي تۈركىستاندىن جەنۇبىي ئەزەربەيجانغا» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇلى دوكتور ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى دېموكراتىيەلىك ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان.

دوكتور ئۆمەر قۇل تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «26-سېنتەبىر كۈنى باكۇدا›تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈنلىشىش جەريانى: شەرقىي تۈركىستاندىن جەنۇبىي ئەزەربەيجانغىچە‹ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، يازغۇچىلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. بىز بۇ يىغىندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، دۇنيادىكى خىتاي خەۋپىنى، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ يىغىن جەريانىدا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتۇق. بۇندىن كېيىن بۇ خىل يىغىنلارنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق ئەزەربەيجاندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. پايدىلىق بولدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى يىغىن ئەھلى بولسۇن، ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بولسۇن قىزىقىشى بەكلا يۇقىرى ئىدى. بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ خىتاي توغرىسىدىمۇ مەلۇماتى يوق ئىكەن. بىزنىڭ خىتاي توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ بەك دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي توغرىسىدا كۆپ سوئاللار سورىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش بەك يۇقىرى ئىدى. ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ خىتاي خەۋپىنى چۈشىنىشى ئۈچۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك يىغىن بولدى دەپ ئويلايمەن».

ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى بۇ يىغىنغا 3 نەپەر سابىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىغىننى ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسى، «ئەزەربەيجان ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياسەمىن خانىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ياسەمىن خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى2021-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باكۇدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، قارا گۈلچەمبىرەك قويغانىدى.