«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى: «ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.10.16
meschit-sim-tosuq-kamera.jpg مەسچىتنىڭ تاملىرىغا قويۇلغان تەشۋىقات بايرىقى، سىم توسۇق ۋە بىخەتەرلىك كامېراسى. 2018-يىلى 6-سېنتەبىر، قەشقەر.
REUTERS

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بولغان «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك مۇقاۋىسى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى. «ئۇيغۇرلارنى قىيناش-كىشىلىك ھوقۇقتىكى يەرشارىۋى كرىزىس» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ مۇقاۋىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ غايەت زور تىكەنلىك سىملارغا سانجىلىپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ئوبرازلىق رەسىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ سانىدا يەنە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىمۇ ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە يەركەن ناھىيەسىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 880,500 بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ ساننىڭ 2017-يىلدىن بۇيان 383 مىڭغا يېقىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن. .

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەركەن ناھىيىسىنىڭ تەخمىنەن 900,000 ئاھالىسى بار بولۇپ، يەتتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار تەخمىنەن 100,000 دىن ئارتۇق ئىكەن. 2018-يىلى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 9500 دىن كۆپرەكى «يەككە جاپالىق» ياكى «قوش جاپالىق» دەپ خاتىرىلەنگەن. «يەككە جاپالىق» دېگەنلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنى، «قوش جاپالىق» دېگەنلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئىكەن. تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن 11 بالا بار ئىكەن. ئۇلار ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 1 گىمۇ يەتمەيدىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاتا-ئانىسى تۇتۇلۇپ كەتكەن بىرمۇ خىتاي بالا يوق ئىكەن.

ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ رايوندىكى 15 ياشتىن تۆۋەن بولغان 3 مىليونغا يېقىن بالىدىن تەخمىنەن 250 مىڭ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بىرى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ نىسبىتى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئىزچىل 5 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا ياتاقلىق مەكتەپنىڭ كېڭىيىش نىسبىتى 2019-يىلى 30 پىرسەنتتىن ئاشقان.

ياتاقلىق مەكتەپلەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە سىملىق بىخەتەرلىك رىشاتكىلىرى ئورنىتىلغان. ھەتتا يەسلى يېشىدىكى بالىلارمۇ، بىر نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلارمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ مەلۇماتلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «يېقىندا بايقىغان ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە دارىلئىتاملار ئىزچىل كۆپەيگەن. خىتاي قارىغاندا قىسقا مۇددەتلىق تۇتۇپ تۇتۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك يىغىۋېلىشقا ئۆزگەرتكەن. رايوننى پۈتۈنلەي ‹بېسىۋېلىش› ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ۋەيران قىلغان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان ئىدى. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە قارىغاندا، لاگېرىدىكىلەر ھەر كۈنى «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دەرسلىرىنى ئۆگەنگەن. لاگېرلار 24 سائەت قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماستىن يەنە لاگېرلارنى ۋە بالىلار لاگېرلىرىنى كىڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ناھايىتى زور (2017-يىلىدىن بىرى) ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى. لېكىن سانلىق مەلۇماتلار (تۇتۇلغانلار ھەقققىدىكى) ئېشىپ باردى، يېڭىدىن لاگېرلار قۇرۇلدى. ‹ساقچى دۆلىتى› ئۇيغۇر رايونىدىكى نازارىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، بېيجىڭ ئۇ رايوننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ بولغاندەك تۇرىدۇ.»

ئادرىيان زېنز ئەپەندى خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇزۇندىن بىرى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تەسىرى، ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دائىرىسىگە كېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ، خىتاي ئىدېئولوگىيىەسىدە ۋە ھەتتا خىتاي ئائىلىرىدە بىقىشى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» نىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندا، ئاندىن خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ھەتتا خىتاينىڭ كېتڭەيمىچىلكىنى توختىتىشقا يول ئېچىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئاللىبۇرۇن ئىقتىسادتا كۆپ چىقىم تارتتى، لېكىن بىپەرۋا قىياپەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىن مەزگىلدە بۇنىڭ ناھايىتى كونكرېت نەتىجىسىنى كۆرىمىز. ئەگەر خەلقئارا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلسا، پۈتۈن دۆلەتلەر خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك. خىتاي بارلىق ئەزا بولغان ئورگانلاردىن چېكىندۈرۈلىدۇ. خەلقئارالىق سودا كىلىشىمنامىلىرى بىكار قىلىنىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئەيىبلىنىدۇ. خىتاينىڭ تەۋەلىكىگە كېرىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر سىستېما ياكى ئورگان يوق. لېكىن خىتاينى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتلەردىن يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.