«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ھەر يىلى چاقىرىپ كېلىۋاتقان «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى 2023-يىلى 17-ۋە 18-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ماي گۈلى مېھمانخانىسى» دا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقىسى 9-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر ساھەدىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتايغا ئالاقىدار سىياسىي، ئىقتىساد، تاشقىي مۇناسىۋەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. شۇنىڭدەك يىغىندىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر بىردەك ئۇيغۇرلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمىغان ئۈمىدنىڭ قىممىتى يوق!»

«خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك مۇزاكىرىسى 18-ئۆكتەبىر سەھەردە باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلزابېت سپالدىڭ (Elizabeth Spalding) خانىمنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن ۋىدىيولۇق تەبرىكى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئۇ سۆزىدە كوممۇنىزم دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان ھەر يىلى مىليونلارچە ئىنساننىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل زىيانكەشلىكتە خىتاينىڭ ھازىر ئىزچىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ھازىر سىياسىي، ئىقتىساد ياكى ھەربىي جەھەتلەرنىڭ قايسىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە خىزمەت قىلىش» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن فوندى جەمئىيەت رەئىسى، سابىق باش ئەلچى ئاندرېۋ برۇمبېرگ (Andrew Bremberg) قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاي ھەققىدە غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ئىزچىل «خىتاي ناۋادا دۇنيا ئىقتىسادىي ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلسە، خىتاي باي بولىدۇ ۋە تەدرىجىي ھالدا دېموكراتىيىگە قاراپ ماڭىدۇ» دېگەن ئۈمىدكە گول بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتايدا ئىسلاھات بارلىققا كېلىدۇ، دېگەن ئۈمىدنىڭ ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇ جەرياندا خىتايدا سانسىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندا ھەمدە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي ساھەدىكىلەر يەنىلا خىتاينىڭ ئادالەتكە قايتىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى خىتاينى چەكلەشتە يەنىمۇ كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتىدۇ، ئەمما ئۈمىدلەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ، «بۇنداق ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا بۇ خىلدىكى ئۈمىدنى تېزدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئەمىلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرمىغاندا ئۇنىڭ ھېچقانچە قىممىتى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
شۇ قاتاردا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ئادريان زېنز(Adrian Zenz) مۇ قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەندە دۇنيانىڭ ئەمدىلەتىن خىتاينىڭ تەبىئىتىنى ۋە ھاكىممۇتلەقلىق خاراكتېرىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە تاجسىمان ۋىرۇسى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئويغاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان بۇ ماكاندا ئوتتۇرىغا چىققان قىرغىنچىلىق قىلمىشى خىتاينىڭ تەبىئىتىنى ئاشكارىلىغان بىر پاكىتتۇر. بۈگۈنكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا بىز تېخىمۇ ئىشەنچلىك پاكىتلار ئاساسىدا خىتاينىڭ ھازىر زادى نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقىمىز» دېدى.
«تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدا خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى بار!»
بۇ قېتىملىق يىغىنغا نۇرغۇن سىياسىي ئەربابلار ئۆز تەبرىكلىرىنى ۋە يىغىن تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشىنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇلار قاتارىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كىرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) نىڭ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى.
مايك گاللاگېر ئۆز سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر ئۆزى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان تېررىتورىيەدە زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش بىلەن توختاپ قالماستىن، ھازىر بۇ خىل زۇلۇملارنى چېگرا ھالقىغان ھالدا ئامېرىكا تۇپرىقىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىر قوللۇق كونترول قىلىۋاتقان جاسۇسلۇق تورىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىنى قاپلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «مۇشۇنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىكتۇر» دېدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكرىچە، خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنيانى «ئاق» ۋە «قارا» دېگەن ئىككىلا كاتېگورىيەگە ئايرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «جاھانگىر» دەپ تەشۋىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر، شۇنىڭدەك باشقا ھەرقانداق ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى «رەزىل كۈچلەر» قاتارىغا تىزىۋالغان. بۇ خىل رىقابەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھېچقاچان ھىيلە-مىكىر ئىشلەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئادىللىق ئارقىلىق غەلىبە قىلىدۇ.
بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەشكە ئاقساراينىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مەتتيۇ پوتتېنجىر (Matthew Pottinger) تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى پاش قىلىشتا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دۇنياغا زۇلۇم، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە كونتروللۇقتىن باشقا سەلبىي شەيئىلەرنى «ئېكسپورت» قىلىشتىمۇ ئوخشاشلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدىمۇ خىتاينىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا تەۋەسىدىنلا بىر مىليوندىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن. ناۋادا ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغان، دەپ قارىلىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تاسادىپىيلىقتىن كېلىپ چىققان ئاپەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا ئۇ ھالدا بۇنىڭ جاۋابكارلىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ھازىر بولسا ئۇيغۇرلار قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ، قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئائىلىلەرنىڭ جۇدالىقى تېخىمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ «مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە بېيجىڭ جاۋابكار» دېدى.
«ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ!»
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» تېمىسىغا بېغىشلاندى. بۇ باسقۇچتىكى مۇزاكىرىدە لاگېرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادريان زېنز (Adrian Zenz)، قانۇنشۇناسلاردىن جون فۇت (John Foote)، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىدىن برايىن خوكسىي (Brian Hoxie) ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىملىرىدىن لۇيىسا گرېۋ (Louisa Greve) بۇ تېما بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دوكتور ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق سىياسەتلەر، جۈملىدىن لاگېر، تۇغۇت چەكلىمىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن تۆت يىلدا بولسا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى رېئاللىقتىن قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىككى خىل يول ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ: بىرى، لاگېرلار بىلەن باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنىڭدا تۇتقۇنلار لاگېرلارنىڭ يېنىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باشقا جايلارغا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەككە يۆتكەيدۇ. شۇڭا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن سىياسىي نىشاننى، ئاندىن قالسا ئىقتىسادىي نىشاننى كۆزلىگەن. شۇڭا ھازىر لاگېرلار تاقالغان بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر داۋاملىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللىنىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە بولغان كىشى مۇشۇ خىلدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىدىن برايىن خاكسىي بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىغا كەلگەندە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان بۇ جەھەتتە بەلگىلىك ئۇتۇقلار قولغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قانۇننىڭ ئىزچىل ۋە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن مەنئى قىلىش يۈزلىنىشى مۇقىملاشقان. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىشلىق بولغان ياكى «قارا تىزىملىك» تىن ئورۇن ئالغان ھەرقانداق تاۋار ئامېرىكا تاموژنىسىغا كەلگەن ھامان مۇتلەق تەكشۈرۈلىدۇ. ناۋادا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلمىگەن، «قارا تىزىملىك» تىنمۇ ئورۇن ئالمىغان مەھسۇلاتلار بولسا بىردەك ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىشى لازىم.
لۇيىسا گىرېۋنىڭ قارىشىچە، ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەنئى قىلىشنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر پاكىتلاردىن ئۇلار ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان دوكلاتلار بۇنىڭدا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئىجابىي يۈزلىنىش شۇكى، ھازىر بارغانسېرى كۆپ شەخسلەر ۋە شىركەتلەر، شۇنىڭدەك دۆلەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە مايىل بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ مەسىلىنى رەسمىي ئاۋازغا قويدى. يىغىننىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا قانداق رېئاللىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ ھەقتىكى يېڭىلىقلارغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.