«خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكە مىراسلىرى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

كومۇنىزىم ۋەھىمىسى ئۆتكەن ئەسىردىن باشلاپ غەرپ دۇنياسىدىكى بىر مۇھىم تېما بولۇپ، بۇ تېمىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيادىكى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ھەربىي ۋە سىياسىي ئىغۋاگەرلىكلىرى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 2021-يىللىق «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھەمدە ئۇنىڭ «مىراس» لىرى باش تېما بولدى.

27-ئۆكتەبىردىكى يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە تەدرىجى ھالدا ئاجىزلىقتىن باش كۆتۈرۈشكە يۈزلىنىشى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجابىي يۆنۈلۈشكە ئەمەس، ئەكسىچە سەلبىي تەرەپكە قاراپ كېڭىيىشى، نۆۋەتتە بۇ خىل كېڭىيىشنىڭ خىتايدىن ھالقىپ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئاغدۇرمىچىلىق، تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە جاسۇسلۇق قىلىشتەك كۆپلىگەن ساھەلەرگە شاخلىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە قانداق تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەر بىلەن باشلاندى.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «مىراس» فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قانداق ۋەيرانچىلىقلارنى سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەردى.

بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتمۈشتە پۈتۈن خىتاي خەلقىنى خانىۋەيرانلىققا گىرىپتار قىلغان بولسا نۆۋەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلىرىنىڭ ئاللىقاچان چېگرا ھالقىپ دۇنياغا يېيىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىلەرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە دۇنيا خەلقىگە بۇنىڭ قانداق خەتەرلەردىن بىشارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئ‍ۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس بارلىق شەيئىلەرنى، جۈملىدىن تىل، يېزىق، سەنئەت، دىن قاتارلىقلارنى يوقىتىشقا كۈچ چىقىرىشى ھەمدە بۇنىڭدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئۇ دوكتۇر دەررېن بايلېرنىڭ «لاگېرلاردا» ناملىق ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور نازارەت ۋە كونتروللۇق مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەچ بۇ ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەندە ۋەدە قىلغان «پارلاق كەلگۈسى» دىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. پروفېسسور جېمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان مەزگىللەردە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئەتراپىغا «ئۇيۇشتۇرۇش» ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرلۈك ئاپتومىيە ھەقلىرىنى تەسىس قىلىپ بەرگەن. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى رېئاللىق بولسا بۇ ئاپتونومىيەلەرنىڭ بىر-بىرلەپ يىمىرىلگەنلىكىنى نامايەن قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا خىتاي كومپارتىيەسى «تاشقى كۆرۈنۈشتە ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئەمما ئىچكى جەھەتتە پۈتۈنلەي قايتا قۇرۇپ چىقىش» دېگەن ئومۇمىي پىرىنسىپ بويىچە ئ‍ىش كۆرگەن. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئاپتونومىيە ۋە باشقا «ئالاھىدە ئىمتىياز» لار ئېغىزدا داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇلغان. ئەمما ئىچكى قىسىمدا بارچە شەيئىلەر «خىتايچىلاشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە قايتا قۇرۇپ چىقىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق ئالاھىدىلىكنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» دەل مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ۋۇجۇتقا كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئومۇمى پىرىنسىپ بويىچە تۈرلۈك قاباھەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدا دۇچ كېلىۋاتقان «مەسىلىلەر» لەر قانداقتۇر ئۇلار تەكىتلەۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ خىرىسلىرى بولماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر دىيارىنى «مۇستەملىكەلەشتۈرۈش» ئۇرۇنۇشىنىڭ زادىلا خىتاي كومپارتىيەسى كۈتكەن يوسۇندا ئەمىلىلەشمىگەنلىكى ئىكەن. دەل مۇشۇ نېگىزلىك كەمتۈكلۈك نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي ھەركەتتە بىر-بىرلەپ تولدۇرۇلماقتا ئىكەن. بۇ بولسا نۆۋەتتە تەدرىجى ھالدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان زور مەسىلىلەرگە چېتىلماقتا ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئ‍ۇيقۇسىنى ئېچىشى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشى ھازىر ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئىكەن.

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى جېفرى گو يىغىندا ئاساسلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ ھەققىدىكى سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خوڭكوڭغا بېرىلگەن يۈكسەك ئاپتونومىيەنىڭ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىلدا قانداق بولۇپ بىكار قىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس شالاڭلىتىش، تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىلىرىنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان لېكسىيەسى يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقلىرىنىڭ قانداق جىپسىلىشىپ ماڭغانلىقى، ئەمدىلىكتە ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقتىكى بىر مۇھىم ھالقا بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ غەرپ دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي مەنزىرىنى يەنە بىر قېتىم يىغىن ئەھلىگە جانلىق نامايەن قىلىپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ كومۇنىزىم ۋە سوتسىيالىزىم لاگېرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قايسى دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەدرىجى ئەستىن چىقىشقا باشلىماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرلۈك زۇلۇملىرى بۇ خەۋپنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ يادىغا سېلىپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئويلاندۇرغانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى بىر كۈنلۈك مەخسۇس يىغىننىڭ بىر مۇھىم نىشانى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كومۇنىزىم ئىدىئولوگىيەسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل ماھىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىكەن.