ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئۈستىدىن سۇنۇلغان بىر پارچە ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان.
مەزكۇر ئەرزنامىدە يۈجەل تاناي ئەپەندى، تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سابىر بوغداغا «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى ۋە دىنسىز» دەپ «ھاقارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
يۈجەل تاناي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەزى تور گېزىتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور ۋە خەۋەر يېزىپ كېلىۋاتقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان «خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى تەشكىلات-ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە سابىر بوغدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە سابىر بوغدانى «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، دىنسىز» دەپ ئاتىغان. سابىر بوغدا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى «ھاقارەت قىلدى» دەپ ئەرزنامە يېزىپ سوتقا بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان ۋە سابىر بوغدانىڭ ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن يۈجەل تاناي ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغان. يۈجەل تاناي ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 10-نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا باقىركۆي سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىققان.
تۈركىيەنىڭ رىزە ۋىلايىتىدىن ئاپتوبۇس بىلەن 17 سائەت يول يۈرۈپ ئىستانبۇلغا كېلىپ سوتقا چىققان يۈجەل تاناي ئەپەندى سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈنكى سوتتا سوتچىغا، مەن ئۇزۇن يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتىمەن، يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىۋاتىمەن، دېدىم. مەن بۇ جەرياندا ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر تەشكىلاتى باشلىقى
سابىر بوغدا توغرىسىدا ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ھەققىدىكى بۇ ماقالەمنى يازغانلىقىمنى ئېيتتىم».
ئۇ يەنە، سابىر بوغدا ھەققىدە يازغانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سابىر بوغدانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى بىلىمەن. ئۇ، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بەك ياخشى. بۇ ھەقتە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدىمۇ مەلۇمات بار. بۇلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ‹خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى› دەپ يازدىم».
بۈگۈنكى سوتقا يۈجەل تاناينىڭ ئادۋوكاتى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇ، ئۇچۇردا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن سوتچىغا، سابىر بوغدا ۋە خىتاي ئۈچۈن ئاممىۋى دىپلوماتىيە خىزمىتى قىلىۋاتقان كىشىلەر ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ماقالە يېزىۋاتقانلارنى داۋاملىق سوتقا بېرىپ بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر خىتاينى تەنقىد قىلغانلاردىن بىئارام بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيە ئەركىن، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت، بۇ خىل تەنقىدلەرگە خىتاي دۆلىتىدەك مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئوبزورچى يۈجەل تاناينى سوتلاش نومۇس بىر ئىش. ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئەپەندى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنغان مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ سابىر بوغدا ۋە ئۇ قۇرغان تەشكىلات ھەققىدە بۇ ماقالىنى يازغان، ئۇ، دېگەن سۆزلەر جىنايەت ھېسابلانمايدۇ، دېدىم».
يۈجەل تاناي ئەپەندى «بۈگۈن خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، خىتايلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ يۈرگەن كىشىنىڭ ئۇيغۇرچىدا ‹ساتقۇن› دەپ ئاتىلىدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر تۈرك مىللەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى خائىنلىق دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىدا بۇنى ‹ساتقۇن› دەيدۇ. خىتاينىڭ پۇلى ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنى سېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتسا بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھېچنېمە بولمىغاندەك خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش مەنچە نومۇس بىر ئىش، ئۇيغۇر خەلقى سابىر بوغدادەك كىشىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ».
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى يۈجەل تاناي ئەپەندىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى ماقالە يېزىپ سوتقا بېرىلگەن تۇنجى كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ، تۈركىيەدە خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سوتچى سابىر بوغدانىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن مەزكۇر دېلونىڭ كەم ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى قايتا سوت ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
0:00 / 0:00