«كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

25-نويابىر ب د ت دا باشلانغان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇنبىرى» يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشماقتا.

25-نويابىر «8-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە باشلانغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن، قۇرۇلتاي خادىمى زۇمرەت تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.

يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى سودا-تىجارەت ئىشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا، كىشىلىك ئەخلاققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تۈپ مەقسەت ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

يىغىنغا ب د ت خادىملىرى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ سودا گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىقتىسادىي نەپ ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان سودا گۇرۇھلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۈگۈن جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق خادىملىرى بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئالدىن تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇنبەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئالدىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىغا قارشى ئېغىز ئاچالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا سۆز قىلغاندا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ تىجارىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقانلىقىنى، بەزى شىركەتلەرنىڭ ھەتتا خىتاينىڭ دىگىتال نازارەت تېخنىكاسىغا ياردەملەردە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇققا، خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن قۇرۇلتاي رەئىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇنداق مۇھىم بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاينى ئەڭ چوڭ بازار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى. خىتايغا مەبلەغ سالغان غەرب شىركەتلىرى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىغان. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوقتەك قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇۋالغان ئىدى. بۈگۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، غەرب سودا شىركەتلىرىنىڭ ئەمدى كۆزىنى ئېچىشى لازىملىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم-سىتەملىرىگە شېرىك بولماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. مەنچە، بۇ سادا كۆپلىگەن تىجارەت ئورگانلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا يېتىدۇ.»

د ئۇ ق خىزمەتچى خادىمى زۇمرەت تۇرسۇن خانىم ئۆزىنىڭ ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-نويابىر كانادادا چاقىرىلغان «خالىفاكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 25-نويابىر كۈنى جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتى قوبۇل قىلىپ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. بۇ پروگرامما شۇ كۈنىلا SRF قانىلىدا تارقىتىلغان.