خىتاينىڭ «ئالدىنى ئېلىش» خاراكتېرىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن نۆۋەتتە خەلقئارا ئۈچۈن ھەممىگە تونۇشلۇق ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يامراۋاتقان ھەمدە يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان «تېررورلۇق» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى خەلقئارادا يەنىلا تېگىشلىك ھېسداشلىققا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بەزىلىرى ھېچقانداق مۇددىئاسىز ئوتتۇرىغا چىققان بولسا يەنە بەزىلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ «ئېھتىياجى» ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما پروفېسسور مايكىل كلاركنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا باھانە بولۇۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھادىسىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن توقۇپ چىققان ساختا ھېكايىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلەر، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ھەمدە خىتاي ئاكادېمىىيە ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك ئەسەرلەر بۇ نۇقتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلاركنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مۇلاھىزىسى ئۇنىڭ ستېفانى كام بىلەن بىرلىكتە «يەر شارى سىياسىتى مەركىزى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسىرىدە تەپسىلى شەرھىلىنىدۇ.

دوكتور مايكىل كلاركنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئەڭ خەتەرلىك بولۇۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەمدە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ئەمەس. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن مۇشۇ ئەندىزىنىڭ نۆۋەتتە «ئىجتىمائىي كونتروللۇق» ئۈچۈن بارغانسېرى كەڭ دائىرىگە يېيىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، «لاگېرلارنى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى» دەپ قارىلىۋاتقان جۇ خەيلۇننىڭ «ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتروللۇق تورى بەرپا قىلىش خىزمىتىدە دۈشمەنلەرگە قىلچىلىكمۇ يوچۇق قالدۇرماسلىق» دېگەن سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنلا «دۈشمەن» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەيىبلەش ئوبېكتى خىتاي كومپارتىيىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار ئەمەس.

مايكىل كلارك مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئەيىبلەۋاتقان ھەمدە ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بولغان ئامىل دەل خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىدۇر. چۈنكى دەل مۇشۇ غايەت زور كۆلەمدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئاللىقاچان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايى-ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ بولدى. يەنە كېلىپ يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىجرا قىلغۇچى شەخسلەر ئاللىقاچان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى يوليورۇق ۋە ئىمتىيازلار بويىچە بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جەزمەن بۇنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تېخى بارلىققا كەلمىگەن ئاتالمىش جىنايەتلەرنى بىخ تارتىشتىن بۇرۇنلا يوق قىلىۋېتىشكە مۇمكىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، مۇشۇنداق قىلغاندىلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەمىنلىكىگە خەۋپ بولغۇچى بارلىق سەلبىي ئامىللارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇ قاراشنىڭ يېتەكچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر مىليونلارچە كىشى لاگېرلارغا قامىلىپ بولدى. بۇ لاگېرلارنىڭ مەقسىتى بولسا كىشىلەرنى ‹تەربىيەلەش› ئارقىلىق باشقا خىل تىپتىكى بىر ئىنسان قىلىپ ئۆزگەرتىشتۇر.»

مايكىل كلاركنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئون يىللىق «ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى» غا نەزەر سالغاندا بۇنىڭ تولىمۇ پۇختا لايىھەلەنگەن قەدەم-باسقۇچلار ئىكەنلىكىنى بايقاش قىيىن ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يەتتە يىل مابەينىدە بۇ تەدبىرلەر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئىجرا بولۇشقا باشلىغان. جۈملىدىن 2013-2014-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ماشىنىلىق ھۇجۇم، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە 2014-يىلى ئاپرېلدا شى جىنپىڭنىڭ ‍ئۈرۈمچى زىيارىتى ئاخىرلىشىشىغا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» ھەققىدىكى چاقىرىقنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كونكرېت «تېررورچى» لارغا قارشى تۇرۇشنى ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھەرىكەت باشلانغان. بىر يىللىق تەييارلىقتىن كېيىن 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو بۇ رايوندىكى پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە لاگېرلار قۇرۇلۇشى باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق ۋە ئافغانىستاندا قوللانغان «مالىمانچىلىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئۈلگە قىلغان ھالدا «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى باشلىغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە قوللىنىلىدىغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا بولۇشىغا ئەگىشىپ، نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان ساقچىلار قۇرۇلۇشى، لاگېر بەرپا قىلىش، يان تېلېفوندىن ئۆيگىچە بولغان بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقنى قالدۇرماي سىستېمىلاشقان نازارەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئەمەلگە ئاشقان. بۇلارنىڭ ياردىمىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تېزلا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشنى تاماملىغان. ئەمما بۇ جەرياندا كىشىلەرنى لاگېرغا قاماشتىكى ئۆلچەمنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ۋە «ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى» نى ئاساس قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ «سادىر بولغان جىنايەت» نى چەكلەش ئەمەس، بەلكى «تېخى يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنە كېلىپ بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ھېچقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمايدىكەن.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى راۋۇرۇس سىناقتىن ئۆتكۈزگەن ئۇسۇللار بولۇپ، 21-ئەسىرگە كەلگەندە زامانىۋى پەن-تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. يۇقىرى پەن-تېخنىكا بولسا خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ‹ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى› غا شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چېگرا ھېسابلىنىدىغان رايونلارنى ئۆزىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ھادىسە. تارىختىكى بارلىق ھاكىمىيەتلەر مۇشۇنىڭغا كۈچ سەرپ قىلىپ كەلگەن. يەنە بىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى رادىكال ئىدىيەلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىدە بۇ رايون بەكمۇ ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولغاچقا ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا جەزمەن بۇنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈر. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› ھەرىكىتىنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى› دەپ شەرھلەپ، بۇنى دۆلەت ھالقىغان تەھدىت، دەپ قاراۋاتىدۇ.»

مايكىل كلارك تەمىن ئەتكەن لاگېرلار، ساقچى سىستېمىسى ۋە نازارەت مېخانىزىمىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشى ئۆتكەن ئالتە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ قانداقلارچە «ئىشەنچسىز» بولۇپ بېكىتىلىشىنى جانلىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ نازارەت مېخانىزمى ئارقىلىق كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش، «بۇرمىلانغان دىنىي قاراش» تىكى كىشىلەرنى ئايرىپ چىقىش، «ئەسەبىيلىكنىڭ 48 خىل ئىپادىسى» گە ياتىدىغان كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇش دېگەنلەر ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى قايتا «تەربىيىلەش»، ئۇلارنى «توغرا يولغا باشلاش» ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش دېگەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇلارنى بىر جايغا توپلاپ «كوللېكتىپ تەربىيە» شەكلىدىكى «ئوقۇتۇش» باشلانغان. بۇنىڭ بىلەن لاگېرلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، لاگېرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىش» تىن سىرت «دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغان» كىشىلەرنى تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلارنى «باياشات تۇرمۇش» قا يېتەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى سېنتەبىردە تارقىتىلغان ئەمگەكچىلەر ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتىن يەر ئالغان «ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى كىشىلەرنى ئاخىرەتنى ئەلا بىلىش، دۆلەت تىلى ۋە زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى رەت قىلىشقا قۇترىتىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەكلا نامراتلىشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ خىل قالاقلىقنى ئۆزگەرتىش لازىم» دېگەن قۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نى باھانە قىلىپ، لاگېرلارنى يوللۇق كۆرسىتىشىگە دەستەك بولغان.

«ئۇيغۇر كىملىكى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقاندا، يەنە كېلىپ ش ئۇ ئا ر دىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىدا تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› نىڭ خاراكتېرىنى باشقىچە شەرھىلىشى ھەممىدىن بەك دىققەت قوزغايدۇ. چۈنكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن بىرلەشكەن نازارەت مېخانىزمى ھەققىدە بىز يېتەرلىك ماددىي ئىسپاتقا ئىگە. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ‹ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش› دېگەن نامدا لاگېرلارنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئىزچىل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيا مەركىزىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز قوينىغا تارتىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئالاقىسىدە ئىزچىل ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى› مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە كېپىللىك قىلىشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھازىر ‹تېررورلۇق تەھدىتى› دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولسا، بۇ كىملىكنىڭ ئىپادىلىنىشى لاگېرلار ئارقىلىق يوقىتىلىۋاتىدۇ.»

پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور سىستېمىغا ئايلانغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ ئۇلارنى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز» دېگەن بايانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. «تەربىيەلەش» تىن ئۆتكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاي خوجايىنلار باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشقا چۈشۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق ئۇيغۇرغا خاس ساھەلەر بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى داۋاملىق ئۈزۈكچىلىك ھالىتىدە بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بالىلارنىڭ ئەسەبىيلىكتىن زەھەرلىنىشى بەك ئېغىر. ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرى دۆلەت تىلىنى ئۆگىنەلمەي زاماننىڭ ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرى ماھىيەتتە ئائىلىلەرنى جۇدا قىلىشتىكى مۇددىئانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى ئاخىرقى مەقسەدنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى «زامانغا ماسلاشقان» يېڭى بىر ئەۋلاد قىلىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تىكى نەچچە ئون يىلنى كۆزلىگەن «كەلگۈسىدىكى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.