«دۇنيا دېموكراتىيە مەجلىسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

«دېموكراتىيە» ۋە «تەرەققىيات» ھەرۋاقىت دۇنياۋى تېمىلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، شۇنىڭدەك ھەر ساھە كىشىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى دېموكراتىيە مەسىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021-يىلى ئاۋغۇستتا «مۇشۇ يىلىنىڭ ئاخىرى دېموكراتىيە تېمىسى بويىچە بىر قېتىملىق دۇنياۋى مەجلىس چاقىرىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ قېتىملىق بايانات بويىچە، كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ يىغىن ئ‍ۆز قەرەلىدە چاقىرىلدى. 9-دېكابىر كۈنى رەسمىي باشلىنىدىغان «دۇنيا دېموكراتىيە مەجلىسى» نىڭ ھارپا كۈنىدىكى مەجلىسىدە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر مۇنبەرگە جەم بولدى، شۇنداقلا دېموكراتىيە تېمىسى يەنە بىر قېتىم مەركىزىي تېمىلاردىن بولدى. ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا، ئ‍وكيانىيە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىللىق مەجلىسنىڭ ھارپا كۈنىدىكى يىغىنى دېموكراتىيە مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بىر قاتار خىرىسلار ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى پىكىرلەر بىلەن سەھەردىلا قىزغىن كەيىپىياتقا تولدى.

ھارپا كۈنىدىكى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ دېموكراتىيەنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە دېموكراتىيە بولمىغان مۇھىتتا ئىنسانلارنىڭ تۇغما ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بوغۇلغاندا مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى سۆز ئالدى.

ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاتناشقۇچىلىرى بولغان ھەرقايسىي دۆلەت رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك 2021-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئاخباراتچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى ھېمايە قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى پاش قىلىش، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ساھەسىدىكى مۇھىم رولىغا يۇقۇرى باھا بەردى. بلىنكېن ئەپەندى ئ‍ۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ھۇجۇمغا، تەقىبكە ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەن مۇخبىرلارغا ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھېمايە قىلىش، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش، ئۆز خىزمىتى سەۋەبلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ھەمدە ئۇنىڭ مۇخبىرلىرىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش، ئاخبارات ۋاستىلىرىگە غەرەزلىك ھالدا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئادالەتنىڭ جارى بولۇشىغا ھەمدەمدە بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بېن ناپېن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانىيە جولىي خانىم، روسىيەلىك ئاخباراتچى دىمىترىي مۇراتوۋ، BBC ئاگېتنلىقنىڭ مۇخبىرى سانا سافى قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىندى. شۇ قاتاردا يىغىندا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پرېزىدېنتى بەي فاڭ ئايرىم سۆز قىلىپ، مۇخبىرلار قوشۇنىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھېمايە قىلىش ساھەسىدىكى رولىغا يۇقۇرى باھا بەردى. ئۇ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرقاچان ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زالىملىقىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىكى دائىملىق ۋاستىلىرىنىڭ بىرى مۇخبىرلارغا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قولايسىزلىق پەيدا قىلىش ياكى ئۇلارنى خىزمەت قىلالماس قىلىپ قويۇش بولىدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇخبىرلار پاش قىلغان ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «جازا» غا تارتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى دۇچ كەلگەن رېئاللىق بۇنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان باستۇرۇشلارنى پاش قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشىغا ماتىرىيال مەنبەسى تەييارلاش رولىنى ئوينىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن لاگېر ۋە زور تۇتقۇننى يوشۇرۇشقا ئىلاجىسىز قالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ئارقىلىق «ئۆچ ئالغان» لىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئار ئاياللار مەسىلىسى باش ئەلچىسى مېلاننى ۋېرۋىر خانىم، شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىلۇس لاندسبېرگىس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سودا باش ۋەكىلى كاسېرىن تاي، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى ئۇزرا زىيا قاتارلىقلار يىغىننىڭ باشقا باسقۇچلىرىدا ياشلارنىڭ دېموكراتىيەنى ھېمايە قىلىشتىكى رولى، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى، دېموكراتىيەنى ھېمايە قىلىش ساھەسىدىكى ئاياللار مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە رىياسەتچى ياكى پىكىر بەرگۈچى بولدى. بولۇپمۇ ئۇزرا زىيا خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى كۆزدىن يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، ئەمدى بۇ خىلدىكى قەبىھلىكنىڭ خىتاي چېگرىسىدىن ھالقىپ دېموكراتىك ئەللەرگە كېڭىيىشى ھەققىدىكى بايانلىرى يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ مىسالى قاتارىدا ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئەكبەر ئەسەتنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە 15 يىللىق كېسىلىشىنى تىلغا ئېلىپ، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئادۋۇكات رەيھان ئەسەتنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى

رەيھان ئەسەت ئۆز نۆۋىتىدە ئىنىسى ئەكبەرنىڭ قىسمىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەمدە لاگېر سىستېمىسىنى كېڭەيتىش قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدەك سانسىزلىغان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئىنىسى ئەكبەرگە ئوخشاش كۆزدىن غايىپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتلىق گىرداۋىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ ئېغىر تىراگېدىيەگە قايتىدىن شاھىد بولۇۋاتقانلىقىنى جانلىق بايان قىلىپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-دېكابىردىن باشلاپ مەزكۇر مەجلىس رەسمىي يوسۇندا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېموكراتىيەگە دائىر تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.