جۇلىئۇس ۋەللېنزېر: «ئۇيغۇرلار گېئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» (2)
2024.08.12
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ زاپاس ئەسكەرلەر قىسمىدا سىياسىي بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان جۇلىيۇس ۋېللېنزېر (Julius Vellenzer) 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «زۇلۇم ئاخىرلاشمامدۇ؟ : ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» ناملىق ماقالىدا يەنە مۇنداق بايان قىلىنغان:
«2019-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹خىتاي كابېلى›، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشلارمۇ تەكىتلەنگەن ئىدى. 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› بولسا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇنىڭدا خورلاش، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تەن جازالىرى يەر ئالغان ئىدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دەپ ئاتىدى.»
ماقالىنىڭ «غەربنىڭ ئىنكاسى ۋە ئۇلارنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتى» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە باستۇرۇشلارغا قارىتا ئىنكاسلىرىدا روشەن پەرقلەر بار. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئافرىقادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەيدانىنى قوغدايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىقلار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش غەرەزلىرى يوشۇرۇنغان. ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوللاش، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى دىنىي ئاز سانلىق ئامما بىلەن بولغان زىددىيەتلەرنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.»
دەرۋەقە، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايدىن ئىبارەت دىكتاتور دۆلەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتماقتا ئىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر قىممەت قاراشلىرى ۋە دۆلەت تۈزۈلمىسىگە بىنائەن، ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ماقالىدا يەنە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «غەرب خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئەيىبلىدى. 2020-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا بۇ جىنايەت بىلەن چېتىشلىق بولغان خىتاي سىياسەتچىلىرىگە جازا يۈرگۈزىدىغان قارارلارنى قوبۇل قىلدى. بېيجىڭنىڭ قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئاتىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىلى قوبۇل قىلغان جازا لايىھەسىدە يەنىلا بوشاڭلىق بار. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ھەددىدىن زىيادە پاسسىپلىقتا ئەيىبلىنىپ كېلىندى. يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىگە كەلگەندىلا ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ھېچ بولمىسا ئېغىزدا بولسىمۇ. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بۇ مەسىلىنى دەرھال ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ 2023-يىلى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تاكى بۈگۈنگىچە، بېيجىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتۈپ، بايېربوك ئامېرىكا تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭنى ئاشكارا ھالدا ‹دىكتاتور› دەپ ئاتىدى. ‹خىتايدا قانۇن كەمچىل› دەپ ئەيىبلىدى.»
ماقالىدا «ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا سۈكۈت قىلىپ كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب» دەپ ئىزاھلانغان. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلاتقان ھەمدە خىتاينى ‹سىستېمىلىق رەقىب› دەپ ئاتاپ، خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىلا نورمال داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرى ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ خىتاي سىياسىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرمەكتە ئىكەن.
ماقالىنىڭ «گەپ يوغان، ھېچ ئۆزگىرىش يوق» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق بايان قىلغان: «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى سىياسىي سەھنىلەردە ئۇ قەدەر ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. دەلىللەردە ئاشكارىلانغان خورلاشلار، باستۇرۇشلار، تۇتقۇن قىلىشلار، قىيناشلار دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق لىنىيەنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. بىراق جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچى تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەس، چۈنكى بېيجىڭ بىلەن يەنىلا سودا ھەمكارلىقىغا ئېھتىياج بار. غەرب خەلقئارادا ئۆز مەيدانىدا تەنھا قالماقتا. ئۇكرائىنا، تەيۋەن ۋە غەززەدىكى سىياسىي كىرىزىسلارنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتمەكتە. ئاقىۋەت، ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە.»
ماقالە مۇنداق ئابزاس بىلەن ئاخىرلاشقان: «ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، چېخىيە، لېتۋا ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرىغا ئوخشاش، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلارنى تېخى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلمىدى. گېرمانىيە ئۆتمۈشتىكى چوڭ قىرغىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، مەسىلەن، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار، رومالار، شۇنىڭدەك نامبىيە ۋە پولشادىكى ئېتنىك ئاز سانلىقلارغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرالماي كەلمەكتە.»