تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئەخمەت قىلىچ ئەپەندى بىلەن ئوسمان مەستەن ئەپەندى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلھامىد قاراخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىستىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
ئۇچرىشىشتا بۇ ھەيئەت بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەلەپلەرنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كونكرېت ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

12-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقىرىقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ھەيئەت ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى بىلە ئالاقە ئورنىتالمىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. ئىككى پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئاخمەت قىلىچ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 2013-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان بېسىمنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى كۆرۈشۈش ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسىنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكىگە خۇرسەن بولدۇم. تۈرك دۇنياسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۆزئارا يېقىنلىشىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ تۈركىي مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىمەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ، بىزنىڭ قانىغان يارىمىز. بىز بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزدا ئۇيغۇر مەسىلىسى باشتا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر» .
ئوسمان مەستەن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر پارلامېنت ئەزاسى ۋە بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىمەن. مەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋاسىتىسى بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تارىختا تۈركلەر ئۆزئارا كۆپ ئۇرۇش قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر يېقىنلىشىش بار. مەن ئالدىمىزدىكى يۈز يىلنىڭ تۈركلەرنىڭ يۈز يىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز» .

مەزكۇر ھەيئەت 12-ئىيۇل كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن سىرت «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركوغلۇ ئەپەندى ۋە بىلال بىلىجى ئەپەندىلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارلامېنت ئەزالىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
4 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىككى مۇھىم پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئىجابىي جاۋابلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 15 پارتىيە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى 5 ئۆكتىچى پارتىيە تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.