«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تاراتقۇلاردا مۇھىم تېما بولدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئۈن-سىن پروگراممىلىرى تارقاتتى. بۇلار، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ تونۇلۇشىغا ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

27-يانۋار «خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى» كېلىش ھارپىسىدا ئەنگلىيە BBC رادىيوسى 24-يانۋار «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش» ناملىق 28 مىنۇتلۇق بىر پروگرامما تارقاتقان بولۇپ، پروگرامما رىياسەتچىسى روي جېنكىنس (Roy Jenkins) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە ماھمۇت خانىم، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى راچېل ھاررىس (Rachel Harris) ۋە يەھۇدىي پائالىيەتچى، يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىيا خانىم قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. رەھىمە خانىم بۇ پروگراممىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

بۇ پروگراممىدا رەھىمە خانىم ئالدى بىلەن ئۆز ۋەتىنى، مىللىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش قىسمەتلىرىنى، 2000-يىل ئانا يۇرتى غۇلجادىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتالمىغانلىقىنى، 2017-يىلدىن كېيىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

رىياسەتچى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختىلىپ، تارىختا ناتسىست گېرمانىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رېنى كاسسېننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مىيا خانىم مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن، مەن لوندوننىڭ غەربىي-شىمالىدىكى رېنى كاسسېن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ رەھىمەنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى ئىلگىرى ئاڭلىغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ھېكايە مېنىڭ ھېكايەم، مېنىڭ ئائىلەم ۋە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ھېكايىسى ئىدى. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى ۋە رېنى كاسسىن تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەككەن دەپ ئويلىدىم. بىز بۇنداق زىيانكەشلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ۋە تىلىنى قانداق ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. شۇڭا رېنى كاسسىن تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى.»

رەھىمە خانىم يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ياردىمى ۋە پىداكارلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن يەھۇدىي خەلقىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەردۇر. بىز ھازىر ئىنتايىن زۇلمەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق. دەل مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە بىز ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالايمىز». زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ مىيا خانىم باشلىق يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى ۋە ئەنگىلىيەدىكى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسسورى راچېل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەيۋەتلىك، كۆركەم مەنزىرىلىرى، شادلىق ۋە مۇڭغا تولغان ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى، بۇ رايوندىكى مەدەنىيەتنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تىل، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا جەھەتتىن تۈركىي خەلقلەرگە يېقىن مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست، خۇش چاقچاق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمىگەن. ئۇ 2014-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ-كۆلەملىك، سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «بۇنىڭغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ سەۋەبى تولۇق،» دېدى.

رەھىمە خانىم ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەمەلىيەتتە مىيا خانىم باشچىلىقىدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ تەسىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەر قايسى تاراتقۇلاردا مۇھىم تېما بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

25-يانۋار ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ بىر پروگراممىسىدا ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستېرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ۋە جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ ھۆكۈمنى جەزملەشتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. پروگرامما رىياسەتچىسى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدى. روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مەن ئىككى يىلدىن بېرى بۇ جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دەپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جىنايەت توغرۇلۇق بېرىلگەن بۇ ھۆكۈم ناھايىتى توغرا ھۆكۈم، توغرا بەلگە بولدى.»

روشەن ئابباس خانىم يەنە رىياسەتچىنىڭ دوكتور گۈلشەن ئابباس ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق تۆھمەت ۋە ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرغا تۆھمەت بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ لاگېردىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھ جىنايەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى مىسال كەلتۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىنى توسقۇنسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە قۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىردا روشەن ئابباس خانىم مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي بىلەن سودىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن نەپ ئالماقچى بولۇۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىققا چاقىردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە غەرب ئەللىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت دەپ بېكىتىشى مۇمكىن؛ شۇنداق بولغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتىكى ناتسىست گېرمانىيەسى، فاشىست ئىتالىيە ۋە مىلتارىزم دۆلىتى بولغان ياپونىيەگە ئوخشاش تارىختا سېسىق نامى پۇر كەتكەن رەزىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.