جەمئىيەتتە «ئاتۇشتىكى سودا-كارخانىچىلارنىڭ سەركىسى» دەپ بىلىنگەن ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى كەڭ قوللۇقى بىلەن تونۇلغان كارخانىچى ئىمىنجان رەھمىتۇللا بۇ يىل ئاپرىلنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى سوتلانغان ۋە ئۆتكەن ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى 20 يىللىق كېسىلگەنلىك ھۆكۈم قەغىزى قولىغا تۇتقۇزۇلغان. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ ئۇچۇر مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا دەلىللەندى.
نورۋېگەيدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» قولغا چۈشۈرگەن ئاتۇشتىكى 4 نەپەر مىلياردېرنىڭ ئالدىنقى ئايدا سوتلىنىپ كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇردا بۇلاردىن بىرنىڭ ئاتۇش بۇغرا سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قەشقەر چەلقئارالىق چوڭ بازارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىمىنجان بۇغرا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەييارلىغان «تۇتقۇندىكى سودا-كارخانىچىلار ئارخىپى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، 1962-يىلى تۇغۇلغان ۋە شىنجاڭ مالىيە ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىمىنىجان رەھمىتۇللا سودا ھاياتىنى مېۋە-چېۋە تىجارىتىدىن باشلىغان. ئۇ يېزا-ئىگىلىك ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلغان، كېيىنكى يىللاردا ئاتۇشتا بۇغرا سودا شەھەرچىسى، قەشقەردە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا چوڭ بازارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايوندىكى سودا-كارخانىچىلارنىڭ سەركىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىلكىدە 9 شىركەت بار بولۇپ، ئۇ بىرقانچە ساھەدە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشتە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بەلگىلىك ساندا ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بۇ سەركە كارخانىچىنىڭمۇ 2018 -يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلگەن. ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئاتالمىش «ئىنچىكە تەكشۈرۈش» تىن كېيىن، ئۇ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئاتۇشتىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىمى ئىمىنجان رەھمىتۇللا دېلوسى ھەققىدىمۇ تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ سوتلانغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئىمىنجان رەھمىتۇللانىڭ تۇتۇلۇشىدىمۇ ئۇيغۇر رايوندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سودا-كارخانىچىلارغا ئوخشاشلا، ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى كەڭ قوللۇقى سەۋەپ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلىپ ياكى بىلمەي مال-مۆلكىنىڭ زاكىتىنى بېرىشى داۋامىدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۇل قالغان ئايالى ياكى يېتىم پەرزەنتلىرىگە پۇل ئىئانە قىلىشى، «تېرورچىلارنى قوللاش» ۋە «تېرورلۇققا تەييارلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلەنگەن. ئىمىنجان رەھمىتۇللا خىتاي كومپارتىيەسىگە ياش ۋاقىتلىردا كىرگەن ۋە ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ھەم ئادا قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى قاتارلىق بىر قاتار سىمۋوللۇق ۋەزىپىلەر بېرەلگەن-يۇ، لېكىن 2017-يىلغا كەلگەندە زەربە نىشانىدىن چەتتە قالالمىغان.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىمى ئىمىنجان رەھمىتۇللا دېلوسىنىڭ سەزگۈر دېلولار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ خادىممۇ ئىمىنجاننىڭ سوتلانغان ۋە كېسىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
«تۇتقۇندىكى سودا-كارخانىچىلار ئارخىپى» دا دېيىلىشىچە، ئىمىنجان رەھمىتۇللا بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ سىڭلىسى نۇرگۈل رەھمىتۇللا ۋە بىر قىزىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. جەمئىيەت پاراڭلىرىدا ئىمىنجان رەھمىتۇللانىڭ سوراق جەرياندىكى قېيىن-قسىتاقلار نەتىجىسىدە قىزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەت» لەرنى بوينىغا ئالغان. ئاتۇشتا سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان بىر خادىم ئاپرىل ئېيىدا سوتلانغان مەشھۇر 4 كارخانىچىدىن بىرىنىڭ ئىمىنجان بۇغرا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئىمىنجان رەھمىتللا قۇرغان سودا شەھەرچىسىدە ئۇنىڭ «بۇغرا زاماۋنىۋىي سودا بازىرى» نامىدا ئىككى بىناسى بارلىقىنى، بۇ بىنالارنىڭ ئۇ سوتلانغانغا قەدەر تىجارىتىنى داۋام قىلغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، ئىمىنجاننىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىڭلىسى نۇرگۈل ۋە قىزىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.