9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكادىكى خانتىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتى روزۋېلىت سارىيى كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىرلىشىپ، «ئۇيغۇرلارغا قارشى قەبىھ جىنايەتلەر: قانۇن ۋە سىياسەتلەر» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
4 يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ مۇھاكىمە يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر مۇھاكىمە يىغىنى بولدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر «شەرقىي تۈركىستاندا (شىنجاڭدا) نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟»، «نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈز بېرىدۇ؟»، «بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن ئۈچ تېما بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى يىغىندا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە بۇنىڭ «ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسى باشتىن كەچۈرگەن كۈلپەتلەرنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ قەبىھ جىنايەتنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، يېقىندا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ئاچلىقتىن ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن مۇھاكىمە قىسمىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلاندۇردى. چۈنكى ئاياللار بالا تۇغۇپ بالا چوڭ قىلىدۇ ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدۇ».
روشەن ئابباس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىگە 4 يىل بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، بۇنىڭدەك ناھەق تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئاڭلاتتى.
ئۇ يەنە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن «ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش» شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋىدىيولار، سۈرەتلەرنى كۆرۈۋاتىمىز، پەريادلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىشنى نىشان قىلىپ، ‹كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش› تەك ئەشەددىي سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ».
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىزمۇ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئاچلىقتىن ئۆلۈش، داۋالىنالماي ئۆلۈش كىرزىسىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىمۇ خىتايدەك رەزىل ساقچى دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتىكى بىر مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ 40 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن 2016-دىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى، يەنى خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، پىلانلىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى 2020-يىل، يەنى چوڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى تەكشى ئەمەس، نوپۇس نىسبىتى بۇ جاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 15 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. نوپۇس نىسبىتىدىكى بۇنداق تەكشىسىزلىك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە› دېگەن. قولىمىزدىكى شىنجاڭ ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچىياڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى 2014-يىل نوپۇس بىخەتەرلىكى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، 2020-يىلنىڭ بېشىدىمۇ شۇنداق گەپلەرنى قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىنىي باستۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش قاتارلىقلارمۇ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەچكە، خىتاي مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش چارىسىنى قوللانغان».
ئادرىيان زېنز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆپ قاتلاملىق، سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز؛ مەقسەت، سەر خىللارنى يوقىتىش. تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىقلار 1948-يىل تۈزۈلگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئەھدىنامىسى›گە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ب د ت نىڭ زوراۋانلىقنى چەكلەش رامكىسىغىمۇ چۈشىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت تا ھازىرغىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا قادىر بولالمىدى، پەقەتلا قادىر بولالمىدى».
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭغا «ئامېرىكا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە ھەرىكەت قوللاندى. ئەمما ياۋروپا ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا بۈگۈن خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ؟» دەپ سوئال قويدۇق، ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بېرىش بىر ئاز مۇرەككەپ جەريان. ئۇنى كۆپ ھالدا 1948-يىل تۈزۈلگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› غا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى بېكىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداق قارار بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى يۇقىرىقى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويمىغان. ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدى، ياۋروپانىڭ ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدا مېنىڭچە ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ كونسېرۋاتىپ بولۇۋېلىشى. بولۇپمۇ گېرمانىيە بۇ جەھەتتە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. گېرمانىيەدە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن سۆز ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلار بۇنداق قارارنى مەڭگۈ چىقارماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى› ئارقىلىق بۇ جىنايەتنى چەكلەش ھوقۇقىغا خىلاپ».
بۇ مۇھاكىمىگە قاتناشقان سىياسىي پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بۇ قەبىھ جىنايەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختى 8 يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن كۈلپەتلەرنى، تا ھازىرغىچە دادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدەك مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە-لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىشلەۋاتقان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايدۇ. ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتىن خۇرسەن بولدۇم، چۈنكى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭغا جىددىي قاراشقا ئۈندەيدۇ».
سۆھبەتكە قاتناشقان پائالىيەتچى رىزۋانگۇل نۇرمۇھەممەد ئىنىسى مەۋلان نۇرمۇھەممەدنىڭ 2017-يىل تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدەك نۇرغۇن ياشلارنى «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن زەھەرلەنگەن» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگىنىگە 21 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ھېلىھەم تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. جەۋھەر ئىلھام خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن يوقىتىش نىشانى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ «نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن قىسمىدا سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلدى. تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتنىڭ مەنبەسىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاباھاتلىك تارىخىدىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇرۇنقى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ زامانىۋى شەكلى؛ خىتاي كومپارتىيەسى ئېتىقادچى ئاممىنى بۈگۈنلا ئەمەس، مەدەنىيەت ئىنقلاۋى مەزگىلىدىمۇ قاتتىق باستۇرغان. خىتاي كومپارتىيەسى ئەدلىيە، قانۇن دېگەنلەرنى ئاللىبۇرۇن بىكار قىلىۋەتكەن ياكى ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورال قىلىۋالغان.
يىغىننىڭ «بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن ئۈچىنچى قىسمىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفىيە رىچاردسون، نيۇ-يوركلۇق ئادۋوكات، خىتاي قانۇنى ۋە سىياسىتى مۇتەخەسىسى ئېلزابىت لىنچ (Elizabeth M. Lynch)، ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىدىن ئەكرەم كېرەم، ئۇيغۇر نەسىللىك ژۇرنالىست ئەمىلىيا پاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانداق سىياسەت بەلگىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قانداق پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەكرەم كېرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتقا قاتتىق كۈچەيدىغانلىقىنى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە 38 قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ھەقىقىي ئۇچۇر ئىنقىلابى قوزغاپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىماي پاش قىلىپ، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئاساسىي ئېقىم شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.