«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.11.09
iuf-duq-xelqara-uyghur-munbiri-1 د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
WUC

جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى خەلقئارالىق مۇھاكىمە ئارقىلىق بەلگىلەش يىغىنى بېريۇسسېلدا باشلاندى.

مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھرىدىكى «ھاسەنە» ناملىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى 9-نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلاندى.

ئاساسلىق باش تېمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن كونكىرېت نېمە ئىشلارنى قىلىش لازىملىقى توغرىسىدىكى قارارنى مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، دېپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرى ھەم سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ پىكىرلىرى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا قىتئەلىرىدىن كۆپلىگەن كىشى كېلىپ قاتناشقان.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
WUC

ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە دۇنيانىڭ خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمدى بۇ لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ ئالىقاچان كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ ئەنەشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائېل گلۈكىسمان، مىرىيام لېكىسمان قاتارلىق دېپلوماتلارمۇ سۆز قىلغان بولۇپ، بىرىنچى مۇزاكىرە بۆلۈمىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. ئىككىنچى مۇزاكىرە بۆلۈمىدە ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى كەرري خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلماقتا، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلماقتا، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
WUC

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بېريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىغىنغا 32 دۆلەتتىن 280 كىشى كېلىپ قاتناشقان. ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. شىۋېتسىيەدىكى لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى. فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىدى گۇلباھار خاتىۋاجى بولسا، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»گە قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»گە قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى، 2022-يىلى بېلگىيە بېريۇسسېل.
WUC

«خەلقارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ 3 - كۈنى د ئۇ ق خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي مۇزاكىرىسىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.