«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.11.10
iuf-xelqara-uyghur-munbiri-1 ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، دېپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىندا ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلماقتا، 2022-يىلى 10-نويابىر، بېريۇسسېل.
CFU

تەتقىقاتچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختالدى.

9-نويابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلانغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ كونكىرېت چارە - تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، دېپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى بۇ خۇسۇستا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن.

9-نويابىر يىغىننىڭ 1 - بۆلۈمىدە سۆزگە چىققان ئامېرىكانىڭ ب د ت ئەلچىسى كەررىي خانىم «مەغلۇب بولۇش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشىش»نىڭ يوللىرى توغرىسىدا توختىلىپ، دۇنيادىكى ھەق - ناھەقلەر ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاينىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، يەنە شۇ خىتاينىڭ تەسىرى بىلەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارىنىڭ 31 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇرلارغا دائىر دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادا بەلگىلىك تەسىر ياراتقانلىقىنى، ئەمدى ب د ت دا دېپلوماتىك پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مەغلۇبىيەتلەرنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سوتقا تارتىدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

iuf-xelqara-uyghur-munbiri-2

يىغىندا سۆز ئالغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ خىتاينى چەكلەشتە بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ساھەلەردە ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە دائىر قانۇنلارنى يولغا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇشى لازىملىقىنى تىلغا ئالغان.

يىغىندا ئوخشىمىغان پىكىرلەر، ئوخشىمىغان تەكلىپ - لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر يىغىننىڭ باشقا يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىن بېسىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي قەدەملىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گوللاندىيەلىك خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى، ئادۋوكات، پروفېسسور، دوكتور مىكائېل ۋان ۋالت 9 - نويابىردىكى يىغىننىڭ ئۈچۈنچى بۆلۈمىدە سۆزگە چىققاندا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا بىزگە تەۋە ئىدى» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، تارىخىي پاكىتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان بىر تۇپراق بولغانلىقىنى دەلىللەشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

iuf-xelqara-uyghur-munbiri-3

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپ مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە بۇ ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى قانۇنىي جەھەتتىن دەلىللەپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ 4 - بۆلۈمىدە ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئافزالخان، كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى، ئەنگىلىيەلىك خەلقئارا قانۇنشۇناس، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ سوتچىلىرىدىن بىرى بولغان ھامىد سابى، ئامېرىكا كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، كانادا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى داۋىد ماتاس، بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل سوگولاتى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ۋە نۆۋەتتە بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئافزالخان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلانغان شۇنچە كۆپ دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەخلاقسىز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ھېچ شۈبھىلەنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە «دەرۋەقە، خىتاي كۈچلۈك، ئەمما ئۇ دۇنيادىن كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇنىڭغا ئورتاق قارشى تۇرمىساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا شېرىك بولغان بولىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇ دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبار بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە خەلقئارادا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەشكە دائىر نۇرغۇن قانۇنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئەگەر بۇ قانۇنلار ئىجرا قىلىنسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۈگۈنكىدەك باستۇرۇش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا قىستاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن تۇغۇت سىياسىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئالىقاچان كۆلەملەشكەن بىر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ بولغان.

iuf-xelqara-uyghur-munbiri-4

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، يىغىندا «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسىدىن ھەممە دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كونكىرېت قەدەملىرى بېسىلدى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

يىغىندا بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل سوگولاتىمۇ سۆز قىلغان. سامۇئېل سوگولاتى بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان شەخس بولۇپ، ئۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارىنى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر پارلامېنتىدىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بىر ۋەزىپىسى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۈگۈن، يەنى 10 - نويابىر كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى «بېريۇسسېل خىتاپنامىسى» نى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاپنامىدە خىتاينىڭ 73 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرى ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىر قاتتىق ئەيىبلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە كېلىۋاتقان بارلىق پاجىئەلەرنى شى جىنپىڭ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پىلانلىغانلىقى ھەم ئىجرا قىلغانلىقى، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى شى جىنپىڭنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.