پائالىيەتچىلەر: «ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ مالايسىيادىكى ھەقلىرى ئۇنتۇلمىسۇن!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە، ئاندىن بۇ جايدىن ئۈچىنچى بىخەتەر دۆلەتلەرگە بېرىشى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئۇچۇر يوللىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆز مەنزىللىرىگە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىنى داۋام قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا يولدىكى دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قېلىپ يېڭىدىن مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى مالايسىيانى دائىملىق ئۆتكۈنچى نۇقتىلاردىن قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قېلىشى، جۈملىدىن مالايسىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەكىتلىنىشى كۆپ تەرەپلىمە سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

مالايسىيادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىن «مالايسىيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» تەشكىلاتى 5-ئىيۇل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ «ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ مالايسىيادىكى ھەقلىرى» تېمىسىدا بىر قېتىملىق تور مۇھاكىمىسى ئۇيۇشتۇردى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ۋە مىللىي كەمسىتىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى، ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا كۆرۈپ تۇرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا داغدام يول ئېچىلغانلىقىنى بايان قىلىپ «ئەنە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان ھەقىقى تۈردە ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى» دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ زور تۈركۈمدە زىيانكەشلىك ۋە باستۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈمىدىدە ئۈچىنچى بىخەتەر دۆلەتكە قېچىش ھادىسىسى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى مۇرەككەپ ۋە ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنىڭ پەردىسى ئېچىلغان. ئەمما بۇ جەرياندا يەرلىك ساقچى خادىملىرى قولغا ئالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھەمدە مىسىردا قانۇنلۇق ئ‍وقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلار ھەمدە قوللىرىدىكى خىتاي پاسپورتىنى يەڭگۈشلەشكە ئىلاجىسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار بولسا خىتايغا قايتۇرۇلۇش ھەمدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان لاگىرلاردا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

«مالايسىيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، بېشىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغىلا ئوخشاپ قالغان زۇھرى يۇخيى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلاردىن بىر قىسىم ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بەكمۇ ئېغىر كۈنلەردە قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت بۇ ھەقتىكى بەزى ئىلگىرىلەشلەرگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈردى. بولۇپمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش كۆرۈۋاتقاندا مالايسىيانىڭ بۇ ھەقتىكى كەسكىن ئىپادىسىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يېقىندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ پائالىيەتلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە شۇ سوتتىكى پاكىتلار ئاساسىدا ئۇيغۇر قاچقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنى ھەر ساھەگە بەكمۇ ياخشى ئاڭلاتقانلىقىنى، ئىلگىرى باشقىلار ئاڭلىسىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغان ئەھۋاللارنى ھازىر تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ تولۇق چۈشەنگەنلىكىنى، شۇڭا مۈمكىن بولسا مالايسىيادىمۇ ئاشۇ خىلدىكى سوت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكار پاش قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا مەنپەئەتلىك بەزى شارائىتلارنى يارىتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مالايسىيا پارلامېنتىنىمۇ «خىتاي مەسىلىسى ھەققىدىكى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» غا قاتناشتۇرۇشقا تىرىشىپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

كانادادىكى ئاندرا دىك ۋە گارى دىك ئەر-ئايالمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. 2008-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلىغان بۇ ئەر-ئايال 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىرىنى، توقۇنۇشنىڭ قانداق ئەۋج ئالغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنىڭ شۇ ۋەقەلەردىن كېيىن قانداق قىلىپ يىلسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇكەممەل سىستېمىلىق ھەركەت شەكلىنى ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلاردىن تەدرىجى ھالدا كۆزدىن يۈتۈشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قانداق قىلىپ باغلاپ چىققانلىقىنى قىسقا ۋە ئىخچام قىلىپ بايان قىلىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. قىرغىنچىلىقتىن دالدىلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرساق ئەمدى بۇنى ئاقلاشقا ھېچقانداق باھانە تېپىلمايدۇ،» دېدى.

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىمى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ ئارقىدىنلا سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دەل «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردا كۆرگەنلىرىنىڭ دەل باشقىلار تەسۋىرلىگەندەك ھەممىلا جاينى ئاق تېرورلۇق قاپلىغان بىر مەزگىل بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا كۈتۈلمىگەن سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشالماي قالغان ئۆمەر قاناتنىڭ يازما باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يازما باياناتتا ئۆمەر قانات «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرىپ «ئۇيغۇرلار ئون نەچچە يىلدىن بېرى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر قاچقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنلىككە باراۋەر. شۇڭا مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ئەڭ ئەقەللىي ياردەملەردە بولۇش مەجبۇرىيىتىنى، ئۇلارنى قوغداش ۋە زۆرۈر بولغان ياردەملەردە بولۇشنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مالايسىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، شەيخ چىكگۇ ئەزمى ئ‍ابدۇلھەمىدمۇ مالايسىيادىكى دىنىي ساھەگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە باشقا رېئاللىقنىڭ خاراكتېرىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئاشكارا سۆزلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇ ئارقىلىق قاچقۇنلارنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە مالايسىيادىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنى ئەسلىتىش مۇمكىنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. پروفېسسور رافىداخ مۇختار خانىم بولسا ئۆزىنىڭ بىر ئايال ھەمدە ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەر ۋە خورلۇقلاردىن ئازاپلانغانلىقىنى، شۇڭا ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ مەسىلىنى مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ئەسكەرتىش ئارقىلىق مالايسىيادىكى ھەمدە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ئىنسانىي قوغدىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشكە تۈرتكە بولۇشنى تەكلىپ قىلدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مىجىت ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا شۇنچە كۆپ مۇسۇلمانلار ئاممىسى قاچقۇنلار سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ھېمايىسىگە ۋە قوغدىشىغا ئېرىشىۋاتقاندا بۇ يولنىڭ مالايسىيادىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلار ئۈچۈن بەكمۇ مۈشكۈلگە چۈشىدىغانلىقىنى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ مالايسىيادا ھېلىھەم زور قىيىنچىلىقلارغا دۇ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىسلامىي مەجبۇرىييىتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. يىغىندا كانادادىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختىمۇ مالايسىيادىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا ياردەم بېرىش مەسىلىىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ ئۆتكەن 70 يىلدا ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن زور كۆلەملىك كۆچۈش ھادىسىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر، قاچقۇنلار ۋە قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئارقىلىق مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە بەزى قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىش توغرىسىدا بېسىم قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دىنى تارىخىدىكى بەزى تىپىك مىساللارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى مالايسىيانىڭ ئىسلام دىنىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمدەملىك ئەنئەنىسىگە بىنائەن ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ياردەمدە بولۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مالايسىيادىكى دىنىي ساھەلەردىن جامالىدىن شەمسىدىن، مۇھەممەد فالسال ئەزىز، ئەھمەد فەھمى قاتارلىق كۆپكە تونۇشلۇق جامائەت ئەربابلىرى، شۇنىڭدەك باشقا دىنلاردىكى بىر قىسىم ۋەكىللەرمۇ مالايسىيادىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇملۇق پاجىئەلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھازىرقى قاچقۇنلار سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ياخشى قوغدىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن تەشكىللىگۈچىلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنى مالايسىيا ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يوللاپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە قىسمەن بولسىمۇ ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە تۈرتكە بولۇشى ئۈمىت قىلىنماقتا ئىكەن.