مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پروفېسسور يوھان ئېلۋېرسكوگ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلار ھەققىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكالىق بىر مۇتەخەسسىس. سىزچە، بېرلىندىكى خۇمبولدت مۇنبىرىنىڭ تەتقىقاتىڭىزدا قانداق رولى بار؟
پروفېسسور يوھان: مەن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خومبولدت مۇنبىرى بىلەن مەلۇم ئىلمىي باغلىنىشىم بار. مەن 25 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ بىرىنچى ئەسىرىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇ جايدا (ئۇيغۇر دىيارىدا) يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت سەۋەبلىك مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم تارىخىنى ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرىدىغان بىر كىتاب يېزىشقا كىرىشتىم. بېرلىندىكى خۇمبولدت مۇنبىرىدە قويۇلغان ماتېرىياللار بۇ جەھەتتە ئالاھىدە قىممەتلىك بولغاچقا، مەن بېرلىندىكى ئامېرىكا ئىلمىي تەتقىقاتچىلار فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن، خومبلودت مۇنبىرىدە تۇرپان ئېكسپىدىيەسىگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللار ۋە قول يازمىلار ئۈستىدە ئىزدەندىم. ئۇ يەردە ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىگە دائىر كاتوگورىيەلەرگە ئايرىلغان ۋە ئارخپلاشتۇرۇلغان ناھايىتى مول ھەم قىممەتلىك ماتېرىياللار ساقلانغان.

مۇخبىر: بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە قانداق باھا بېرىسىز؟ بۇ قېتىم خومبولدت مۇنبىرىدىكى مۇزىيىدا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار قانداق خاسلىققا ئىگە؟
پروفېسسور يوھان: بېرلىننى ئۇيغۇرلارغا ئائىت سان جەھەتتىن ئەڭ كۆپ، تۈر جەھەتتە ئەڭ مول بولغان ماتېرىياللارغا ئىگە جاي دېيىشكە بولىدۇ. خۇمبولدت مۇزېيىدىكى كۆرگەزمىدە بۇ گۈزەل بويۇملار ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا مەخسۇس چوڭ ئېكران ئارقىلىق زىيارەتچىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت بويۇملىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ
مۇخبىر: سىزنەق مەيدان تەتقىقات زىيارىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلغا بارغانمۇ؟
پروفېسسور يوھان: ئۈچ قېتىم بارغان ئىدىم، ئاخىرىقى قېتىملىق زىيارىتىم 2016-يىلى بولغان ئىدى.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىغا قىزىقىۋاتقان تەتقىقاتچىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە كۆپەيمەكتە. سىزنىڭچە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا جامائەتكە بارغانچە تونۇلىشىنىڭ مەلۇم رولى بولدىمۇ؟
پروفېسسور يوھان: ئەلۋەتتە، خەۋەر ئوقۇيدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ئازدۇر-كۈپتۇر خەۋىرى بار. بۇ ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارادا بارغانچە تونۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشمۇ تەڭلا يۇقۇرىلاپ باردى، دەپ قارايمەن. كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ئۇچۇر ھەم ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ بارماقتا. شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ھەم ئۇنىڭغا باغلىق بولغان مول مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ يېڭى كىتابىمغا تۇتۇش قىلغان ئىدىم.
مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى بېيىتقان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ يوقوتىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلامسىز؟
پروفېسسور يوھان: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سىياسىتى بويىچە، خىتايدىكى ھەممە مىللەت چوقۇم خىتاي بولۇشى كېرەك، يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، يەنە تىبەت، موڭغۇللار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ ياۋۇز سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يوقۇتۇشى ئەڭ ئېغىر بولماقتا. يەنى مەن بىرىنچى بولۇپ ئەڭ ئاۋال بۇ خىل يوقۇتۇشقا ئۇچراۋاتقان بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىمەن. بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى، تارىخىغا ئائىت بارلىق نەرسىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. شۇڭىمۇ بېرلىندىكى خۇمبولدت مۇنبىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ بويۇملار ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇلار تارىخنىڭ پاكىتلىرى، ئۇلار ھەرگىزمۇ يوقۇتىۋېتىلمەيدۇ.
مۇخبىر: بىلىشىمىزچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارۈغا تەۋە نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر دۇنيانىش باشقا جايلىرىدىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلارنى تەتقىق قىلىش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
پروفېسسور يوھان: ئۇلار دۇنيانىڭ تارىخى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولمىش گۈزەل ۋە قىممەتلىك ئاسارە-ئەتقىقىلەردۇر. ئۇلار يوقىتىلماسلىقى، ئەكسىچە ئالاھىدە قوغدىلىشى ھەم ياخشى ساقلىشىنى كېرەك. بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن بويۇملار بار، بۇلار يالغۇز بېرلىندىلا ئەمەس، بەلكى يەنە لوندون، پارىژ رۇسىيە، ياپونىيەدىمۇ بار. بۇ دۆلەتلەردە ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىغا بارغان ئېكسپېدىتسىيەچىلەر تەرىپىدىن يىغىپ كېلىنگەن ئاز بولمىغان تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ماتېرىياللار ساقلانماقتا، ئەمما سېلىشتۇرغاندا بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار كۆلەم جەھەتتە ئەڭ كۆپ ھەمدە ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
مۇخبىر: ئۆزىڭىز بىلگەندەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئارخېئولوگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىلىملەرنى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇددىزىم ئېتىقادى ۋە بۇددىزم مەدىنىيىتىگە تەۋە بويۇملارنىمۇ خىتايغا مەنسۇپ، بۇلار خىتاي بۇددىزىم مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى، دەپ تەشۋىق قىلماقتا. سىزنىڭ تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىرى بۇ ھەقتە نىمە دەيدۇ؟
پروفېسسور يوھان: ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇ جايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ساكلار، تۇخرىلار، تاڭغۇتلار دېگەندەك نۇرغۇن مىللەتلەر ياشىغان، دۇنخۇاڭنىڭ ئەتراپىدا مەلۇم ساندا خىتايلارمۇ بار ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم تارىخى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە قىزىقارلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ پەقەت يەككە بىرلا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتى باشقا نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ تۈرلۈك مەدىنىيەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدۇر. شۇڭىمۇ ئۇيغۇر مۇددىزىم تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن قىزىقارلىق. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ خىتايغا ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تەۋەدۇر.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق يىللىق بۇددىزىم تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ دەلىللىرى بولغان بۇ ئاسارە-ئەتقىقىلەرنى ساقلاپ قېلىش، بۈگۈنكى كۈندە قانداق رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
پروفېسسور يوھان: بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس، بەزى ھەيكەللەر ۋە ئاسارە-ئەتقىقىلەر، ئەلۋەتتە قەدىمىي ئورۇنلارنى ساقلاپ قېلىشتىكى ۋاستىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىمىغا كىرگۈزۈزۈش ئەلۋەتتە بۇنىڭ قىسمى. بۇددىزم مىڭ ئۆيلىرى بۇ خىل ئۇسۇلدا تىزىمغا ئېلىنغان، لېكىن خىتاي بۇلارنى ئۆزىگە تەۋە دەپ بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىزاھلاش تارىخىي رىاللىققا ماس كەلمەيدۇ. 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› پىلانى بويىچە، خىتايدا نۇرغۇن زامانىۋىي مۇزېيلار قۇرۇلدى. ھالبۇكى، بۇلار پۈتۈنلەي خىتاينىڭ سياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە تارىختا بۇ مىراسلارنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلار خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا تەۋەدۇر.
مۇخبىر: شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتاب ۋە بارلىق قىممەتلىك تارىخي مىراسلارنى يوقىتىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. سىزچە، خىتاي دۇنيانى ئالداشتەك بۇنداق رەزىل مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟
پروفېسسور يوھان: خىتاينىڭ سىرتىدا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر، مەيلى بېرلىندا بولسۇن ياكى رۇسىيە قاتارلىق جايلاردا بولسۇن، يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەقىدىكى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق، خىتايغا جاۋاب بەرمەكتە. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشىغا يول قويماي كەلمەكتە.
مۇخبىر: بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر ياكى مىللەتلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئاسارە-ئەتقىقىلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق بەزى تالاش-تارتىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقى مەلۇم. سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان بۇ مىراسلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟
پروفېسسور يوھان: بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم تارىخىي مىراسلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى، ئەمما ھازىرچە بېرلىندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مىراسلارنى سورىمىدى. ئەگەر بېرلىن بۇ بويۇملارنى ئەسلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشنى ئويلىغان تەقدىردە، مېنىڭچە، ئۇلارنى ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە قايتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس. كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولغىنىدا، ئۇلارغا ئائىت بۇ مىراسلار ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
بىز يوقۇردا سۆھبەتتە بولغان پروفېسسور يوھان ئېلۋېرسكوگ ئەپەندى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى تارىختا ئېتىقاد قىلغان قەدىمكى دىنلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىستۇر. ئۇنىڭ «بۇددانىڭ ئىزى: بۇددىزم ئاسىياسىنىڭ مۇھىت تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇر بۇددا دىنى تارىخى»، «راھىبلار مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ دىن تارىخى ساھەسىدە يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ زور تەسىرگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.