5-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «دۇنيادىكى ئەسلى تۈرك بولغان مەشھۇر ئالىملار» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سەدات مۇرات ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى، پروفېسسور سەدات مۇرات ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىلادىيىدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن نەچچە ئەسىردىن بۇيان 19-ئەسىرگىچە ھۆكۈمرانلىق سۈرگەن تۈركلەر بۈگۈنكى كۈندە كىچىك-كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خىتاي بىر زامانلار كۆكتۈركلەرنىڭ ئالدىدا قورقۇپ تىترەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئۇزۇن بىر سېپىل قۇردى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈرك مىللىتى كىچىك-كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان بۈگۈن مۇستەقىل ئەمەس، تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىدى. ئەمما قازاقىستان، قىرغىزىستان ئەزەربەيجان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ دۆلەت تۈركىيە، ھازىر پۈتكۈل تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزى تۈركىيەدۇر. ھەقىقەتەن تۈركىيە مۇھىم بىر قەلئەدۇر».
يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق تاشقى پلانېتا تەتقىقاتى مەسىلىسى، ئامېرىكادىكى ماساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا كۆپ ئۆلچەمدە گېن رەتلەش ۋە مەجبۇرىي ئورگان توپلاشنىڭ مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە شۇنىڭدەك شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كومپيۇتېر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىس دوكتور ئابدۇرېشىت ئابدۇشۈكۈر كومپيۇتېر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكىلىرى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىدىكى سوغۇق ئۇرۇش تېمىسىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىندىن بۇيانقى يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالدى. ئۆمەر قانات سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان قىزىقىشى چەكسىز بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ خەلقىمىزنىڭ بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىز كېرەك»، دېدى.
يىغىندا يەنە ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىس دوكتور مەمتىمىن ئەلا «دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، زال لىق تولغىدەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى كوللېكتىپ دوكلات بەرگەن مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارىسىدىكى ئىشتىراكچىلار ئەڭ كۆپ بولغان يىغىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى سۆز قىلغۇچىلاردىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىدى. دوكتور مايسەم خانىم، بىر كىشىنىڭ «بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاڭلىتىش ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى قوللانماسلىقىنى، خىتايغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن سىدىق، «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش نامىدا دۇنياغا كېڭىيىشنى مەقسەت قىلىدۇ، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۆگىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور مايسەم خانىم، يىغىندا سۆزلىگەن تېمىسىنى خۇلاسىلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نامىدا گېن توپلاش ئۈچۈن قان ئەۋرىشكىسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئورگان سېتىش قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈپ، سەرخىل ئورگانلارنى بايقاش ۋە كىمنىڭ ئورگانلىرى قايسى كېسەلگە ماسلىشىدىغانلىقىنى تېز سۈرئەتتە بىلىش ئۈچۈن 18 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىغانلىقىنى، خىتاي ئىلگىرى فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ ساتقان بولسا ھازىر ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئورگانلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ سېتىشىنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى دوختۇرلار ۋە ئالىملار بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە 7 دۆلەتنىڭ خىتايدىن ئورگان سېتىۋالماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، خىتاينىڭ ئورگان ئوغرىلاش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنى قوللاشقا چاقىردى.
يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەقدىرنامە بېرىلدى.
يىغىندا چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ ۋە تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنى مۇدىرى سەدات مۇرات ئەپەندىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى.