2023-يىلى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان 44 مۇخبىرنىڭ 19 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

2023-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىستاتىستىكا قىلىنغان ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ (CPJ) تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى دۇنيا بويىچە جەمئىي 320 ژۇرنالىست شەخسىي ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ سان ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 1992-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئېلان قىلىپ كەلگەن سانلىق مەلۇماتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زور ساننى تەشكىل قىلغان شۇنداقلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل ھادىسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە تاراتقۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىرادىسىنى بوغۇشىنى، ھەتتا بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى يولغا قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەخسىي ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ تۈرمىگە سولانغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىرىنچى ئورۇننى، بېرما، بېلورۇسىيە رۇسىيە، ۋىيېتنام ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدىنقى ئالتە ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە پروگرامما ماسلاشتۇرغۇچىسى بېھ لىيى (Beh Lih Yi) خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2023-يىلى خىتايدا تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولغان ژۇرنالىستلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر مۇخبىرلاردۇر. ئۇلار ‹بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› ياكى ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› دېگەندەك مۈجمەل جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئادەتتە بۇ خىل چارىنى ‹ھۆكۈمەتنى ئېغىزىدا قوللىغان، ئەمما يوشۇرۇن قارشى تۇرغان› دەپ قارىغان كىشىلەرنى جازالاشتا قوللىنىدۇ. بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى رەت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇلارنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان بۇ خىل رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ژۇرنالىستلارغا پەقەت ئۇلار يازغان خەۋەرلىرى ئۈچۈنلا بەرگەن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازالىرى تولىمۇ قەبىھ ۋە رەھىمسىز. مەسىلەن، ‹ئۇيغۇر بىز› (Uighurbiz)نىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام توختى ‹بۆلگۈنچىلىك› جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ ئون يىلدىن بۇيان تۈرمىدە ياتماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى بارلىق ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىشكە، جۈملىدىن بارلىق مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشكە چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان 2023-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلارنى تۇتۇپ قېلىشقا چېتىشلىق يېڭى دېلولارنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمى «جاسۇسلۇق»، «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ياكى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئاساس قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تۇتقۇن قىلغان مۇخبىرلار سانى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلار ئومۇمىي سانىنىڭ 44.19 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتا يەنە خىتايدا ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان ژۇرنالىستلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇخبىرلار ئىگىلىگەن بولۇپ، 2023-يىلى خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان 44 مۇخبىرنىڭ 19 نىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ دوكلات ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم بىر پاكىت بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارنى نۇقتىلىق تۇتقۇن قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ 209 نەپىرى، يەنى 65 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان «جىنايەت» لەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن. يەنى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى «ساختا خەۋەر تارقاتقان» لىقى ياكى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن چېتىلغانلىقى» سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 66 دېلو تېخى ئېسىقلىق بولۇپ، ئەيىبلەنگۈچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلمىغان. بۇندىن باشقا يەنە بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 2023-يىلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا كىرگۈزۈلگەن 320 نەپەر مۇخبىرنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە 94 نەپىرى، يەنى 30 پىرسەنتكە يېقىن كىشىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە بار ئىكەن. تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسى دورا ئالالمىغان ياكى ۋاقتىدا داۋالىنىشقا ئامالسىز قالغان ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرمىدىكى نۇرغۇن ژۇرنالىستلارنىڭ داۋالىنىش تەلىپى تۈرمە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، ئۇلار ھەتتا دورا ئېلىش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ۋە توك ئىشلىتىش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ياشاش ئىمكانلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، نۇرغۇن مۇخبىرلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. دوكلاتتا بۇ مەسىلە دۇنيادىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ئۆچۈرۈش قىلىشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ تەنقىدلەنگەن.