خىتاي ئۇيغۇر نانلىرىنى كارخانىلاشتۇرۇپ نېمە مەقسەتلەرگە يەتمەكچى؟ (2)
2021.10.29
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردا ناننىڭ تارىخى 2000 يىلدىن، ناننىڭ تۈرلىرى بولسا 500 خىلدىن ئاشىدىكەن.
ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ۋە مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى، ساقلاشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ئۆرنىكى بولۇپ كەلمەكتە.
تونۇر نېنىنى ئۆلچەملىك پىشۇرۇش بەلگىلىك تېخنىكا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر كەسپ. تۈرلۈك شەرت-شارائىتلار ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلى ناۋايچىلىق ۋە نان مەھسۇلاتلىرى كۆلەملەشكەن بىر ئىشلەپچىقىرىش بولماستىن، بەلكى مىللىي خاسلىققا ئىگە بىر يەككە كەسپ بولۇپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان مەزگىللەردە، «نانچىلىق كەسپىنى كارخانىلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىشقا جىددىي تۇتۇش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چوڭ-كىچىك يەككە ناۋايخانىلار پۈتۈنلەي توختىتىلىپ، نانچىلىق پەقەتلا خىتاي كارخانىلىرى مەبلەغ سالىدىغان ۋە زور كۆلەمدە بازارغا سالىدىغان تۈرگە ئايلاندۇرۇلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي شىركەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى نانچىلىق كارخانىلىرىغا 110 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناۋايلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا كۆلەملەشكەن ناچىلىق كارخانىلىرىدا ئىشلىمەكتە ئىكەن.
بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان «نان سانائەت باغچىسى»، «نانچىلىق كارخانىسى» دېگەن ناملاردىكى ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلىفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى. بىز ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىمدىن ئۇ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئەرلەر لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ناۋايلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدۇق.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم 2017-يىلى ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا مەجبۇرلانغان ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى ئەرلەر لاگېرىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇستا ناۋايلار ۋە سامسىپەز ئۇستاملارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
قەلبىنۇر خانىم يەنە 2019-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «شىنجاڭ نانلىرى مەدەنىيەت-سانائەت باغچىسى» نامىدىكى بىر نانچىلىق كارخانىسىغا 500 دەك توك تونۇر قويۇلۇپ، يۈزلىگەن ياش ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ بۇ يەردە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىنى ئېيتتى.
2018-يىلى ئۈرۈمچىدە «نان سانائەت تەرەققىيات جەمئىيىتى» قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئېچىلىش يىغىندا، «نانچىلىقنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلەنگەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، نان كەسپىنىڭ تىجارىتىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش، ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدە كۈرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر نانلىرى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن سانائەتلەشتۈرۈلۈپ كۆلەملەشكەندىن بۇيان، ھەر كۈنى 20 توننىدىن كۈپرەك «شىنجاڭ نانلىرى» خىتايدىكى 21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەرگە سېتىلغان، بەزى مەھسۇلاتلار ھەتتا چەت ئەللەرگە سېتىلماقتا ئىكەن.
-2015 يىلى تۈركىيە كەلگەن ۋە ھازىرمۇ ناۋايلىق كەسپىنى تاشلىماي داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ناۋاي ئۇستام ياسىنجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «ئۇيغۇر ناۋايلار ئاساسەن ياش، قولىدا پۇل بار، خىتايغا تايانمايمۇ روناق تاپالىغان، بىر تۈركۈم كەسپدار ئۇيغۇرلار بولغاچقا، خىتاي بىزنى تەھدىت دەپ قارىدى،» دەيدۇ.
ياسىنجان ئۆزى بىلىدىغان ناۋايدىنلا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىرىنىڭ 15 نەپەردىن ئاشىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا ناۋايچىلىق دۇكىنى بار، بېيىغان بىر ناۋاي سەبدىشىنىڭ دۇكانلىرى چېقىلىپ ئۆزىنىڭ بولسا ھازىر ئۈرۈمچىدىكى «نان سانائەت باغچىسى» دا خىتايلارنىڭ قولىدا نان يېقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كارخانىچىلىرى تەرىپىدىن «ئابلانىڭ نېنى»، «مايگۈل»، «شياڭشياۋ نان»، «ياشىن»، «نان شاھى»، «مېييۈشياڭ نان» ۋە «ئافانتى نان» دېگەندەك خىتايچە نان ماركىلىرى پەيدا بولغان ئىكەن.
ھالبۇكى، نانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمى، سۈپەت ئۆلچىمى، سىياسەت، بەلگىلىمە، كۆرگەزمە، مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىشقىچە بولغان ھالقىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، يولغا قويۇلىدىكەن.
كىچىك ۋاقتىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كېلىپ ياشاۋاتقىنىغا يېرىم ئەسر بولغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ، تۈركىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرغان نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم، ناننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئەقىدە-ئۇدۇملىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ناننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك مەدەنىيىتى، شۇنداقلا مىللىي كىملىكىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.