لېئو مايە: كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ۋەقەلەر ئۇيغۇر ناۋايلىقىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن

0:00 / 0:00

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ھازىرقى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكە تارىخى بىلەن سېلىشتۇرۇش كېرەك!»

يۇقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىگەن فىرانسىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس دوكتور كاندىداتى لېئو مايە ئەپەندى، ئۆز دۆلىتىنىڭ، يەنى فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەنى مۇستەملىكە قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە فىرانسىيەنىڭ ئىشغالچىلىق تارىخى بىلەن ئالجىرىيەلىكلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى خىتاينىڭ ھازىرقى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.

لېئو ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بېسىۋېلىنغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ۋە شۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھۈنەر- سەنئىتىدىنمۇ ئەپچىللىك پايدىلىنىپ، ئۇنى دۈشمەنگە قارشى قورال سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى؛

لېئو ئەپەندى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكلىرى، ئۇ دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر ناۋايلىقى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ۋە مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھۈنەر- سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ جەريانىنى ئۇيغۇر ناۋايلىقىنىڭ بەزى مىساللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەردى؛

لېئو مايە ئەپەندى شىۋېتسارىيەنىڭ مورگېس شەھىرىدە چاقىرىلغان لاگېر شاھىتلىرى گۇۋاھلىقى پائالىيىتىدە. 2023-يىلى، مورگېس
لېئو مايە ئەپەندى شىۋېتسارىيەنىڭ مورگېس شەھىرىدە چاقىرىلغان لاگېر شاھىتلىرى گۇۋاھلىقى پائالىيىتىدە. 2023-يىلى، مورگېس (RFA/Hebibulla)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئەدەپ ئەخلاقىنى ئۇستا –شاگىرت مۇناسىۋىتى ئارقىلىق، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلاردا ئۇستا –شاگىرت مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەتلا بىر ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى داۋام قىلدۇرىدىغان بىر ۋاسىتە ئىكەنلىكىنىمۇ شەرھلىدى؛

ھەر قاچان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ناۋايلىقىغا باشقىچە قىزىقىدىغان،ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ناۋايلىق تارىخىنى تاللاپ بېكىتكەن فىرانسۇز يىگىتى لېئو مايە ھازىر فىرانسىيەدىكى 50 دىن كۆپ ئوقۇغۇچىسى بار ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ فىرانسۇز تىلىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇتقۇچىسىدۇر. ئۇ ،ھازىر مەخسۇس ئۇيغۇر ناۋايلىقى ۋە ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتى ھەققىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، بۇ ساھەدە كۆپ ئىزدەنمەكتە.