خىتاي نوپۇسى ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇردا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.09.27
شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تاشقىي تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىدىن نارازى بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇپ شىمالىي كورېيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈنشىمالىي كورېيەگە كىرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

«ياپون خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خاككېرلار شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ساقلاۋاتقان بىر مىليارد خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي نوپۇسى توغرۇلۇق ھەقىقىي ئۇچۇرلار ساقلانغان. بۇ ئۇچۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان نوپۇس سانى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ نوپۇسىنى ئاشۇرۇپ كۆرسەتكەن ئەھۋال بار ئىكەن. خىتاي گەرچە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بوشاتقان ۋە ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي نوپۇسى ئانچە تېز كۆپەيمىگەن. 2020-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نوپۇسى ئاز بولغان.

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ جىددىي ئازلاپ كەتكەنلىكى كۆرۈلگەن؛ بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ مەلۇمات، خىتاي 2020-يىل ئېلان قىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنى يالغاندىن ئاشۇرۇپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتىدۇر.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خاككېرلار قولغا چۈشۈرگەن نوپۇس ئۇچۇرلىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ نيۇ-يورك ۋاقىتى گېزىتى خەۋەر قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بەكرەك مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. شۇغىنىسى، نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى دەپ قاراشقا بولامدۇ-يوق، بۇ تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى بىر مەسىلە. ئەمما ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىسپات ياكى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىەتكەن بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن».

ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە كۆرۈلۈشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، خىتاي نوپۇسى 2018-يىلدىن باشلاپ ئازلاشقا باشلىغان. ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن. نوپۇس نىسبىتىنىڭ بۇ خىل رەۋىشتە جىددىي تۆۋەنلىشى مۆلچەردىكىدىن تېز بولغان.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكۇر ئادرىيان زېنز 2021-يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ‹سەرخىللاشۇرۇش› ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق دوكلاتىدا بېرىلگەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن قەستەن چەكلەۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، لاگېرلارغا قاماش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئىشقا سالغان. ناۋادا بۇ زۇلۇم داۋام قىلسا 2040-يىلىغا بارغاندا تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېمىيىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى بىر قوللۇق پىلانلىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئادرىيان زېنىز يەنە 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا قارشى قەبىھ جىنايەتلەر ۋە ئۇنى چەكلەشكە دائىر قانۇن-سىياسەتلەر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارىنىڭ ‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى تەكشى ئەمەس، نوپۇس نىسبىتى بۇ جاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 15 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. نوپۇس نىسبىتىدىكى بۇنداق تەكشىسىزلىك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە› دېگەن سۆزىنى نەقىل ئالغان ھەمدە «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىنىي باستۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش قاتارلىقلارمۇ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەچكە، خىتاي مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش چارىسىنى قوللانغان» دېگەنىدى.

دوكتور ئادرىيان زېنىز خاككېرلار قولغا چۈشۈرگەن بۇ نوپۇس دوكلاتىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرگەندىن كېيىن رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈملىرىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، خىتاينىڭ مەقسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش؛ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇشتىن چەكلەپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ بارماقتا».

تەتقىقاتچى رايموند كو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كۆچمەنلەر سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى شىنجاڭغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى سىياسىي ۋە مىللىي زىددىيەتنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلماقچى بولدى. يەنى خىتاي بۇ رايوندا چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن ئەنسىرىدى. خىتاينىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق، بەلكىم ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ، بۇ رايوندىكى قارشىلىق ۋە مالىمانچىلىقنى تۈگىتىمىز دەپ ئويلايدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي «ئاز سانلىق مىللەت» كە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.