دوكتور فاتىھ بالچى: «قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ قالغان»

0:00 / 0:00

قەيسەرى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فاتىھ بالچى ئەپەندى يازغان «كۆچۈش ۋە فولكلور» ناملىق كىتاب يېقىندا نەشىر قىلىندى. مەزكۇر كىتابتا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستان ئارقىلىق 1965-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب چاناققەلئەدىكى پارادىگما ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. فولكلورشۇناس دوكتور فاتىھ بالچى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بۇ كىتاب 135 بەت بولۇپ، كىتاب مۇندەرىجە، كىرىش سۆز، كۆچۈش بىلەن فولكلورنىڭ مۇناسىۋىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، ئانا يۇرتتىن تۈركىيەگە كۆچۈش، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىنازا، خەتنە قىلىش، توي-تۆكۈن، ھېيت-ئايەم، كېيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە سەيلە ئادەتلىرى سۈرەتلەر بىلەن بايان قىلىنغان. دوكتور فاتىھ بالچى ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز «كۆچۈش ۋە فولكلور» ناملىق بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان دوكتور فاتىھ بالچى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابتا 1965-يىلىدا شەرقىي تۈركىستاندىن قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ قالغانلىقىنى ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە يوق بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي قائىدە يوسۇنلىرىدا شۇنداقلا ھېيىت-ئايەم ھەم ھەر خىل مۇراسىملىرىدا قەدىمقى دىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئادەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتامدۇ-يوق؟ بۇنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.»

ئۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىش مۇراسىمىدا تۈرك قەھۋەسى ئىچىش ئادىتىنى قوبۇل قىلىپتۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ‹مەسلىھەت چېيى› دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەت بار ئىكەن. يەنە بىرسى ئاياللار يەڭگىگەندە قوينىڭ تېرىسىنى تۇغۇتلۇق ئايالغا يۆگەيدىغان ئادەت بار ئىكەندۇق. ئەمما تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئادەت يوق بولۇپ كېتىپتۇ».

ئۇ چەت ئەلدىكى، بولۇپمۇ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، چۈنكى تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەپتۇ. بۇنى قوغداپ قېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ كەپتۇ مەن كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مۇراسىملىرىغا، دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىغا قاتناشتىم، ئۇلار بۇ ئادەتلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەپتۇ. بۇلارنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىۋېتىپتۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم، ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىللىي كىملىكلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. مەن بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.»

11 ياش ۋاقتىدا قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشقان ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «كۆچۈش ۋە فولكلور» ناملىق كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگەن بۇ يەرگە كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكتور فاتىھ بالچى يازغان كىتابنىڭ تۈركىيەدە بۇ نام بىلەن نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەسەردە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى، ئىلگىرىمۇ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنى قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قەيسەرىدە 1965-يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-يىلىدىن كېيىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ھازىر جەمئىي 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىماقتا.