تۈركىيەدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان 10 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئابدۇللا پاكزات بۇ يىل مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك «دۇنيا ماتېماتىكا تەكلىپلىك مۇسابىقىسى» دا مىس مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى.
«دۇنيا ماتېماتىكا تەكلىپلىك مۇسابىقىسى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ماتېماتىكىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ تەيۋەندە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مۇسابىقە ئىكەن.
بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئابدۇللا پاكزات ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم پاكزاتنى تېخى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە تۇرۇۋاتقاندا تېپىپ زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇللا شۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن ھەمدە يەنە شۇنداق مۇكەممەل ئۆگەنگەن ئانا تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ كىچىك ماتېماتىكا ماھىرى ئۆزى ئىنتايىن كەمتەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىشكەن بۇ دەرىجىسى ئۇنچە ئاددىي ئەمەس ئىدى. مەزكۇر مۇسابىقە تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى ئايلانما مۇسابىقىلىرى بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇسابىقىگە ئەزا بولغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۆزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئابدۇللا پاكزات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دەسلەپكى ئايلانما مۇسابىقىگە تىزىملاتقان 60 مىڭ بالا ئىچىدىن، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، رۇسىيە، تەيۋەن، ھىندىستان، خىتاي، مالايسىيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 22 دۆلەتتىن كەلگەن 904 نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇللا ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. بۇ يىل تۈركىيەدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 9 بالا كەلگەن.

ئابدۇللا ئۆزىنىڭ يېشى بويىچە تاللانغان مۇسابىقە گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسىتىپ، مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللانىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم پاكزاتنىڭ بىزگە دېيىشىچە، بۇ ئابدۇللانىڭ تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق مۇسابىقە تەجرىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ، ئوغلىنىڭ چەكلىك شارائىتلار ئاستىدىمۇ بۇنداق بىر نەتىجە ياراتقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇللا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە، تۈركىيەدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زور كۆلەملىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسى بولغان «كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى» غا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇسابىقىدە 4-يىللىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان تەخمىنەن 9000 بالا ئارىسىدا 29-بولغان.

ئابدۇللا كىچىكىدىن تارتىپ، ماتېماتىكىغا زور ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھارماي-تالماي يېتەكلىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئابدۇللا يەنە ئاللىقاچان كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ئاساسىنىمۇ تۇرغۇزۇپ بولغان بولۇپ، ئۇ C/C++, Python تىللىرىدا مۇرەككەپ پىروگراممىلارنى يازالايدىكەن.
ئابدۇكېرىم پاكزاتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بالىسىنىڭ ماتېماتىكا پەنلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تۈرلۈك ماتېماتىكا ئويۇنلىرىنى ياساپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوينىغان ھەم ئۇنىڭغا دەرس ئۆگەتكەن. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن يېتەكلىشىنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمدى، ئابدۇللا ئۆزى ماتېماتىكا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟ ئۇ كىچىك بالىلارغا ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىدىكىن؟
بىز ئابدۇللا بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ، ئەمما سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبىتىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇردۇق.