ئۆتكەن ھەپتە لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا تېز سىزما ئارقىلىق بايان قىلىنغان «مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» ناملىق كارتونلۇق خەۋەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. زۆمرەت داۋۇتنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىسى ئاساس قىلىنغان مەزكۇر خەۋەر ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى «ئىچكىي قىسىم» (Insider) تورىدا ئېلان قىلىنغانىدى.
مەزكۇر تېز سىزما رەسىملىك خەۋەرنى فەھىمدە ئەزىم (Fahimda Azim)، ئانتونى دېل كول (Anthony Del Col)، جوش ئادامس (Josh Adams)، ۋالت ھىككى (Walt Hickey) قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىشلىگەن. خەۋەردە لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچمىشلىرىنى كارتونلۇق تېز سىزمىلار ئارقىلىق، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار سولانغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچ يۈزى، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا ئۇچراۋاتقان قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئېچىنىشلىق ھاياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
بۇ كارتونلۇق تېز سىزما رەسىملىرىدە زۇمرەت داۋۇتنىڭ 2016-يىلى نويابىردىن باشلانغان قاباھەتلىك كۈنلىرى، 2018-يىل 3-ئايدىن باشلاپ ساقچى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، سەۋەبسىز 24 سائەت كۆزىتىلىدىغان لاگېرغا قامىلىشى، ئۇنىڭ لاگېردا ئىككى ئايدىن ئۇزاق ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ ئاياللار بىلەن بىللە داق يەردە يېتىپ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، تەھدىت، مەجبۇرىي سوراق قىلىنىش، مېڭە يۇيۇش ۋە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق جەريانلار ئىخچام ھەم تەسىرلىك تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا زۇمرەتنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن مەجبۇرىي ھالدا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەر تۈرلۈك بېسىم، تەھدىت ۋە ۋەھىيىلەردىن قۇتۇلالماسلىقتەك رېئاللىقى ئىنتايىن ئوبرازلىق رەسىملەر ۋە قىسقا بايانلار ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.
بىز «مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» ناملىق خەۋىرى ئارقىلىق 2022-يىللىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان مەزكۇر خەۋەرنىڭ باش ئاپتورى ئانتونى دېل كول (Anthony Del Col) نى زىيارەت قىلدۇق.
مۇخبىر: ئانتونى ئەپەندى، ئالدى بىلەن سىز ۋە سىزنىڭ گۇرۇپپىڭىزنىڭ 2022-يىللىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ زۇمرەتنىڭ ھېكايىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگىنىڭلارغا رەخمەت!
ئانتونى: رەخمەت، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھازىرغىچە مەن ئۈچۈن ئىشەنگۈسىز بىر ھاياجانلىق ئىش. مەن بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن، قىلغان بىرىنچى ئىشىم زۇمرەت داۋۇتقا ئېلخەت يېزىپ، ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈش بولدى. مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىمى بۇ ھېكايىنىڭ قانچىلىك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ زۇمرەتنى قانداق مەمنۇن قىلالىشىدۇر.
مۇخبىر: زۇمرەتنىڭ ھېكايىسىنى تالللاش ۋە بۇ ھېكايىنى كارتون سىزمىلىرى ئارقىلىق ھېكايە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
ئانتونى: مەن بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال بىر رادىيو پروگراممىسىنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدىم، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىشىلەرنىڭ بۇنداق بىر پاجىئەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، بىر نەرسە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. بۇنى چوقۇم كىشىلەرنىڭ بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلىدىم، ئىزدىنىش ئارقىلىق زۇمرەت داۋۇتنىڭ ھېكايىسى بىلەن تونۇشتۇم ۋە بۇ ھېكايىنى شۇنداق بىر كارتون سىزمىلىرى ئارقىلق يورۇتۇش ئىدىيەمنى Insider غا دېدىم. كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ پىكرىمگە قىزىققانلىقىنى بىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەپسىلىي يورۇتۇش ئۈچۈن، بىز ئاۋۋال ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا مۇراجىئەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە زۇمرەتنىڭ ھېكايىلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشتۇق.
نېمە ئۈچۈن كارتون سىزما ئۇسلۇبنى تاللىدۇق دېگەندە، زۇمرەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىڭىز بىلگەندەك لاگېرنىڭ ئىچكىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەرلىك ۋىدىيو ياكى سۈرەتلەر ئىنتايىن كەم. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئۇچرىغان قسمەتلىرىنى ئەينەن ئوبرازلىق ھالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. كارتونلۇق تەسۋىرىي سىزمىلارنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلەرنى بىز سىزما ئارقىلىق ئەكس-ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل. بىز بۇنى قىلالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خوشال.
مۇخبىر: سىزگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچمىشلىرى ئاساسىدا يورۇتۇشتا ئەڭ تەس كەلگىنى نېمە بولدى؟
ئانتونى: بۇ خەۋەرنى يېزىش جەريانىدا زۇمرەت داۋۇت بىلەن ئىككى كۈن سۆھبەتتە بولدۇق، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازابلىق بىر جەريان. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ئازابلىق ھېكايىلەر ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشىدىن ئىبارەت بىر پاجىئە ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت. بۇنى تېز سىزما ئارقىلىق تەسۋىرلەش ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇ بىر ئۇرۇش جىنايىتى. بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلەلىشى ۋە ھەقىقىي ھېس قىلالىشى ئۈچۈن، تەسۋىرى سىزمىلار ئارقىلىق بۇ ھېكايىنى تەسرلىك، ئىخچام، شۇنداقلا كۈچلۈك يورۇتۇشقا كۈچىدۇق.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىرلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. سىلەرمۇ بۇ خەۋەر سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىرەر ھۇجۇم ياكى تەھتىدىگە ئۇچرىدىڭلارمۇ؟
ئانتونى: مەن ئۆزۈم بىۋاستە تەھدىتكە ئۇچرىمىدىم، ئەمما ھەر خىل تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلدىم. ئاساسلىق رەسسام فەھىمدە ئەزىم بۇ خەۋەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا بەكمۇ چوڭ رول ئوينىدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئىككى نەپەر كارتون رەسسامنى بۇ خەۋەرنى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. ئەمما بىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلىتى خىتايغا يېقىن ياكى خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغاچقا، يەنە بىرسى خىتايدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن بىز بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى تارتتى. بىز رەسسام فەھمىدەنى تاپقىنىمىزدىن بەكمۇ تەلەيلىكمىز. مەن بۇ خەۋەرنى ئىشلەشكە باشلىغاندىلا ئايالىمغا «ئەمدى خىتايغا ساياھەتكە بارالماسلىقىمىز مۇمكىن» دەپ چاقچاق قىلغانىدىم.
ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەممىگە ئورتاق بىر مەسئۇلىيەت. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق چوقۇم توختىتىلىشى شەرت، ھەمەيلەن بۇنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى قانچىلىك كۆپ كىشى بىلسە، قانچىلىك كۆپ كىشى بۇ ھەقتە سۆز قىلالىسا، خىتايغا بولغان بېسىم شۇنچە كۈچىيىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
زۇمرەت داۋۇت ئۆز كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» ناملىق رەسىملىك خەۋەرنىڭ پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ جىق ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپالايدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىنىڭ تولىمۇ پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
«مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» ناملىق كارتونلۇق تېز سىزما خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە، زۇمرەت داۋۇتقا تەرجىمانلىق قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ھىكايىلىرى خەۋەر قىلىنىپ، زور تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كارتون سىزمىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋرلەشنىڭ نۇرغۇن ئىجادىيلىق ۋە ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا لايىق بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پۇلىتزېر مۇكاپاتى ئاخباراتچىلىق، ژۇرنالىستلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلاردىن بىرى بولۇپ، 1917-يىلى ئامېرىكادا تەسىس قىلىنغان. پۇلىتزېر مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ھەيئىتى ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى 20 تۈر بويىچە باھالاپ چىقىپ تاللايدىكەن.
«مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» ناملىق بۇ كارتون سىزمىلىق خەۋەر پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى بىردىن بىر خەۋەر ئەمەس. BuzzFeed تورىنىڭ مۇخبىرى مېگا راجاگوپالان ئىككى تۆھپىكار خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرى بىلەن 2021-يىللىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.